تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يۇھاننېسبۇرگ شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك پانك مۇزىكىسى بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتنىڭ ئافرىقىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى ئىكەن، بۇ قېتىمقى بايرامنىڭ باش تېمىسى «گۈزەللىك ۋە مودا» بولغان، نۇرغۇن قاتناشقۇچىلار غەلىتە كىيىملەرنى كىيىپ، ئۆزىنىڭ مودا ئۇسلۇبىنى نامايان قىلغان. تورداشلار «بۇ مودا ئېقىم ھەقىقەتەن قالتىس بوپتۇ» دېيىشكەن.
پانك مۇزىكىسى بايرىمى 2005-يىلى تۇنجى قېتىم نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن، يەنى ئاشۇ ئاساسىي ئېقىمدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مودا ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ غەربلىشىش تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇلار پانكنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى زور دەرىجىدە تەتبىقلىغان.
بۇ بايرامنى كىشىلەر «قۇرۇق بوشلۇق» دەپ تەرىپلەشكەن، كىشىلەر بۇ بايرامدا يېڭى بىر دۇنيا بەرپا قىلىپ، ئاشۇ دۇنيادا ئۆزى ياقتۇرىدىغان تۇرمۇش ئۇسلۇبىدا ياشىيالايدۇ.
بۇ مۇزىكا بايرىمىنى تەبرىكلەش «ئافرىقا روھى» نى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مۇزىكا ۋە مەدەنىيەتنى مەنبە قىلغان بولۇپ، «گۈزەللىك ۋە مودا» ئاساسى تېما قىلىنغان.
بۇ بايرام ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈش، ئىرق ۋە جىنسى يۈزلىنىشتىكى كىشىلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە قوللايدۇ.
پانك مۇزىكىسى بايرىمى ئاللىقاچان يەر شارى خاراكتېرلىك بايرامغا ئايلاندى، ھەمدە ئاتلانتا، پارىژ ۋە لوندونلاردىمۇ بۇ بايرام ئۆتكۈزۈلدى.