باش بەت

zefer

939يوللانما
51مەستانە

iPhone X دىكى چىراي ID ئەر-خوتۇننىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرەلمىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-09 16:00 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئالما شىركىتى iPhone X دىكى بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چىراي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى دەسسەتتى. بەزى ئەھۋاللاردا چىراي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ قولايلىق بولسىمۇ، لېكىن ئاز بولمىغان كۈلكىلىك ئىشلارغا يولۇقتى.


بۇنىڭدىن بۇرۇن ئالمىمۇ چىراي ID نىڭ قوشكېزەكلەرنى پەرقلەندۈرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، چىراي ID چىرايى ئوخشايدىغان كىشىلەرنى پەرقلەندۈرەلمەيدىكەن. لېكىن بىر تورداشنىڭ مىكرو بىلوگدا ئاشكارىلىشىچە، چىراي ID قوشكېزەكلەردىن سىرت، يەنە ئەر-خوتۇنلارنىمۇ پەرقلەندۈرەلمەيدىكەن.
مىكرو بىلوگدىكى تورداش «@ZizziWAI» نىڭ «@万能的大熊»غا ئاشكارىلىشىچە، قولىدىكى iPhone X ئۆزى بىلەن ئېرىنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىكەن، ئەرـخوتۇن ئىككىيلەننىڭ قايسىسى يانفوننى قولىغا ئالسا قۇلۇپ ئېچىلىپ كېتىدىكەن، بۇ ئەھۋال ئۇلارنى تولىمۇ بىزار قىلغان.


iPhone X نىڭ چىراي ID ئىقتىدارىدىن چاتاق چىقتىمۇ؟ دەسلەپتە بۇ تورداشمۇ مۇشۇنداق ئويلىغان، ھەم ئالمىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىدىن مەسلىھەت سورىغان، ئەمما سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنىڭ جاۋابى ئۇنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويغان. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۇزۇن مۇددەت بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەچكە، چىرايى ئوخشىشىپ قالغان، شۇڭا iPhone X ئۇلارنى پەرقلەندۈرەلمىگەن.


بۇ ئەر-خوتۇننىڭ سۈرىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن ئوخشايدىغانلىقىنى بايقايمىز، مەيلى يۈز شەكلى، ياكى قاش-كۆزى ۋە كۈلۈشلىرى بولسۇن، كىشىگە خۇددى ئاكا-سىڭىلدەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.
مېنىڭچە iPhone X نىڭ ئۇلارنى پەرقلەندۈرەلمەسلىكى، ئۇلارنىڭ چىرايىنىڭ ئوخشايدىغانلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ئەڭ چوڭ ئامىل يەنىلا تاسادىپىيلىق، گەرچە ئۇلارنى جىنسى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن چىرايى بەك ئوخشايدىكەن. چىراي ID كامېرا پرويېكسىيەلىگەن ئىنفىرا قىزىل نۇرغا تايىنىپ ئادەمنىڭ يۈزىدە ئۈچ ئۆلچەملىك قۇرۇلمىنى پەرقلەندۈرۈش نۇقتىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، iPhone X بۇ پەرقلەندۈرۈش نۇقتىلىرىنى قايتا ئوقۇغاندا سېلىشتۇرۇپ، نەتىجىگە ئاساسەن يانفون ئىگىسىگە ھۆكۈم قىلىدۇ.
ئىككىيلەننىڭ چىرايى بۇنچە ئوخشايدىغان ئەھۋالدا، چىراي ID بۇ ئىككىيلەننى بىر ئادەم دەپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن قۇلۇپ ئېچىلىپ كەتكەن. ھازىرقى تېخنىكىدىن قارىغاندا، چىرايى ئوخشاپ قېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان پەرقلەندۈرۈش مەغلۇپ بولۇشنى چۈشەندۈرۈش قىيىن، بىز پەقەت كېيىنكى ئەۋلاد چىراي ID دىن تېخىمۇ يۇقىرى پەرقلەندۈرۈش ئۈنۈمىنى كۈتسەكلا بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابلىز 09032 ھەپتە ئىلگىرى

    0*****2 سىزگە بىر بىلەت كەتتى راس دەيسىز

  • مېخانىك2 ھەپتە ئىلگىرى

    مالنى قايتۇرۋەتسە بولىدىغۇ ئەخلەتنى ئىشلەتكۇچە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号