باش بەت

zefer

1217يوللانما
64مەستانە

ئامېرىكا بازىرىدىكى ئوڭۇشسىزلىق خۇاۋېيغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-10 12:29 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 10-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
خۇاۋېيغا نىسبەتەن ئامېرىكا بازىرىغا يۈرۈش قىلىش غەلىبە قىلاي دەپلا قالغان ئىدى، لېكىن ئاخىرقى پەيتتە پۈتۈن ئەجىرى بىكارغا كەتتى. ئىگىلىنىشىچە، 9-يانۋار ئامېرىكىنىڭ لاسۋېگاستا ئۆتكۈزۈلگەن CES يىغىنىدا، خۇاۋېي ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ تېلېگراف شىركىتى AT&T بىلەن Mate 10 Proنى بازارغا سالماقچى ئىدى. لېكىن ئېلان قىلىش يىغىنىدىن بىر كۈن بۇرۇن AT&T ھەمكارلىشىشنى ۋاقىتلىق توختاتتى.


چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ پەرىزىچە، بۇنىڭ سەۋەبى بىر قانچە خىل بولۇشى مۇمكىن:
بىرىنچى، ئەقلىيفوننىڭ سىنىقىدا Mate 10 Proنىڭ ئامېرىكىدا مودا بولۇۋاتقان LTE Band 4دىكى نومۇرى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ھەتتا سىگنال ئاجىز شارائىتتا يانفوننى نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن.
خۇاۋېينىڭ ئامېرىكىدىكى يەرلىكلەشتۈرۈش دەرىجىسى، ھوقۇق بېرىشى يېتەرلىك ئەمەس، ئەمما جوڭشىڭ بىلەن ليەنشياڭنىڭ ئامېرىكىدا بىر قەدەر مۇستەقىل ئەركىنلىكى بار، يەرلىك بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ قويۇق.
ئەلۋەتتە، يەنە سىياسىي جەھەتتىكى سەۋەبمۇ بار. 2010-يىلى دېكابىردا، شۇ چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى لو جياخۇي ئۈچىنچى چوڭ تېلېگراف شىركىتى Sprint Nextelنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دان خېس (Dan Hesse)قا تېلېفون ئۇرۇپ، خۇاۋېينى ئاران قولغا كەلتۈرگەن سوممىسى 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق خېرىدار چاقىرىشتىن شاللىۋەتكەن ئىدى.


گەرچە ئامېرىكىلىق ئىستېمالچىلار ئامازون ۋە Bestbuy دۇكىنىدىن قۇلۇپلانمىغان Mate Pro 10نى سېتىۋالالىسىمۇ، لېكىن بۇ خۇاۋېيغا نىسبەتەن چوڭ ئوڭۇشسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، ئامېرىكا بازىرىدىكى %80تىن ئارتۇق يانفون تېلېگراف شىركەتلىرى (Verizon ،AT&T ،Sprint+T-Mobile) ئارقىلىق سېتىلىدۇ. ھەرقانداق بىر يانفون شىركىتى تېلېگراف شىركەتلىرىنى ئىندەككە كەلتۈرەلمىسە، ئامېرىكىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا گۈللەپ ياشنىغان نوكىيا پۈتۈن دۇنيا يانفون بازىرىنىڭ %30 ئۈلۈشىنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن تېلېگراف شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتالمىغاچقا، بازار ئۈلۈشى ئىزچىل بىر خانىلىق ساننى ساقلىغان.


ئۇنداقتا بۇ ئىشنىڭ خۇاۋېيگە قانداق تەسىرى بار؟
مېنىڭچى تەسىرى بىر قەدەر چوڭ، لېكىن ئەجەللىك ئەمەس.

داڭلىق تەتقىقات ئاپپاراتى GFKنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى پۈتۈن دۇنيادا 1 مىليارد 478 مىليون 200 مىڭ دانە يانفون سېتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ سېتىلغىنى دۆلىتىمىز بازىرى بولغان (464 مىليون 300 مىڭ، بازار ئۈلۈشى %31.4)؛ ئۇنىڭدىن قالسا ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭىدىن گۈللەنگەن ئاسىيا بازىرى (238 مىليون 600 مىڭ، بازار ئۈلۈشى %16.1)؛ ئۇنىڭدىن قالسا ئاندىن ئامېرىكا، 201 مىليون 100 مىڭ دانە يانفون سېتىلغان، بازار ئۈلۈشى %13.6 بولغان.
دۆلەت بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۆتكەن نەچچە يىلدا ئامېرىكا ئىزچىل دۆلىتىمىزنىڭ كەينىدە تۇرغان، لېكىن ئۆتكەن يىلى ھىندىستان ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن.


يانفوننىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايىرىدىكى يەككە باھاسىمۇ پەرقلىنىدۇ. GFKنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى ئامېرىكا ئەقلىيفونلىرىنىڭ ASPسى 400.8 دوللار بولۇپ، ئاسىيا (ياپونىيە، كورېيە، سىنگاپور، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە، جۇڭگو تەيۋەن، جۇڭگو شياڭگاڭ) دىكى 637.7 دوللار ۋە غەربىي ياۋروپادىكى 446.7 دوللارلىق ASPنىڭ ئارقىدا تۇرغان. ئادەتتە، بىر قەدەر يۇقىرى ASP بىر قەدەر يۇقىرى پايدىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا بازىرى ئەزەلدىن ئالما بىلەن سامسۇڭنىڭ ئىلىكىدە. ھەرقايسى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما بىلەن سامسۇڭ ئامېرىكا بازىرىنىڭ %70ىنى ئىگىلەپ، بۇ بازارنى ئاساسىي جەھەتتىن مونوپول قىلىۋالغان.
ئامېرىكا ئالمىنىڭ يۇرتى، %35 بازار ئۈلۈشى بويىچە ھېسابلىغاندا، 2017-يىلى ئالمىنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىش مىقدارى 70 مىليوندىن ئاشىدۇ، يالغۇز ئالمىلا ئۈچتىن بىر قىسىم بازارنى ئىگىلىگەن، سېتىش مىقدارى جۇڭخۇا رايونىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
خۇاۋېي ئامېرىكا تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ بازىرىغا كىرەلىسە، ئالمىنىڭ ئۈستۈنلىكى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىپ، 2018-يىلى ئالمىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.


لېكىن، بۇ يىل ئامېرىكا تېلېگراف شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا ئالمىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. 2018-يىلى خۇاۋېي «خۇاۋېي ۋە روڭياۋ» قوش ماركا ئارقىلىق ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە قاراتمىلىقى بار مەھسۇلات تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ھىندىستان، رۇسيە، ياپونىيە، بىرازىلىيە، گېرمانىيە، مېكسىكا، ھىندونېزىيە قاتارلىق بازارلارنى ئاچسا بولىدۇ. ئەگەر ھىندىستان ياكى باشقا 3-4 دۆلەت بازىرىنى قولغا كەلتۈرەلىسە، بۇ يىل بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىدۇ. بۇ دۆلەتلەردە خۇاۋېي دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان باشقا يانفونلار (شياۋمى، OPPO ،vivo  Moto، جوڭشىڭ، ئەلكاتېل) بىلەن مۇشەققەتلىك جەڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 158******462 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇمات چۇقۇم ساختا بوممىسا ھازرغچە بىرە ئادەمنڭ قۇلدا خۇئاۋى يانفۇن ئىشلەتكىننى كۆرگىلى بولمايدۇ بىرە ئادەمنڭ ئاغزدمۇ ئاڭلاپ باخمىدىم

  • Ábdúŕáhmáń_凯玉木Ⅷヾ3 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىساملا كۈلگۈم كەپ كېتىدۇ قىززىق خۇۋاۋېي شىركىتى زادى نىمىدە ئالمىدىن ئۆتۈپ كىتىدىكىن پەقەت بىلەلمىدىم ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقاندا بۆسۈش خاراكتېرلىك بىرەر تېخنىكا ياكى سىستىمىسىنىمۇ كۆرمىدىم تېلفۇنلىرىنىڭ نوچىسىمۇ ئوپپو ۋىۋو قاتارلىق تېلفۇنلارغىمۇ يەتمەيدۇ شەكلىنىڭ لاھىيەسىگە گەپ قىلمايلا قويايلى ئويلاپ باقسام مىنىڭ پەرىزىمىزچە خۇۋاۋېي تېخى ئالما سامسۇڭ تۇرۇپ تۇرسۇن يىجىيا گۇگېل ئېلجى سونى ھەتتا دۆلىتىمىز ئىچىدىكى توختىماي يىڭىلىق يارىتىۋاتقان شىياۋمى ۋىۋو ئوپپودىنمۇ ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى بار ئاددىيسى مەن تۆت يىل ئىلگىرى ئىشلەتكەن ئاشۇ ئېغىر 8813 نى ئىشلەتكەندىن كېيىن قايتا خۇۋاۋېي ئىشلەتمەسمەن دىگەن ھازىرغا قەدەر بىرە ئادەمنىڭ قولىدا يىڭىسى بولسۇن بۇرۇنقىسى بولسۇن بىر تال خۇۋاۋېي كۆرمىدىم مەنغۇ ھۆتتەس ئامىتابا بۇرۇنلا تويدۇم بوممىسا ھازىر كىشىلەر ئوپپو ۋىۋو شىياۋمىلارنى شۇنداق راۋان ياخشى ئىشلىتىۋاتىدۇ

  • ئ****گ3 ئاي ئىلگىرى

    ھېندىستان بىكلەن دۆلىتىمىزدە قانچىلىك ئادەم بار ئامرىكىدىچۇ ئۈچتىن بىرگە تەڭ كەممەيدۇ نوپۇسى ئەلۋەتتە ئاز سېتىلىدىدە قىززىق

  • باشبارماق3 ئاي ئىلگىرى

    خۇۋاېي بۇ ئۆتكەللەردىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ !.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号