باش بەت

جۇشقۇنجان

3607يوللانما
8مەستانە

SpaceX شىركىتى سۈنئىي ھەمراھ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-10 17:35 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 10-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېخنىكا بىلوگى TechCrunchنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان سۈنئىي ھەمراھ يوقاپ كېتىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش شىركىتى SpaceXنىڭ باش لېدىرى شوتۋېل (Gwynne Shotwell) توققۇزىنچى يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، راكېتا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلدى.

تۈنۈگۈن «ۋال كوچىسى گېزىتى» قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلار «قارچىغا-9» ناملىق راكېتانىڭ بىرىنچى ئۆزىكى ئايرىلىشى ئۇتۇقلۇق بولغاندىن كېيىن، Zuma مەخپىيەتلىك سۈنىىي ھەمراھنىڭ ئىككىنچى ئۆزىكى راكېتادىن ئايرىلىشى مەغلۇپ بولغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن يەر شارىغا چۈشۈپ دېڭىزدا غايىپ بولغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن.   

SpaceX شىركىتى ئاۋۋال بىر قىسقا بايانات ئېلان قىلىپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ «قارچىغا-9» ناملىق راكېتانىڭ نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان. ھازىر SpaceX شىركىتىنىڭ باش لېدېرى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلىپ، راكېتا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى قەتئىي ئىنكار قىلدى. باش لېدىر شوتۋېلنىڭ باياناتى تۆۋەندىكىچە:

بىز نۆۋەتتىكى بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، «قارچىغا-9» ناملىق راكېتانىڭ 7-يانۋار كەچتە قويۇپ بېرىلگەن چاغدىكى بارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ توغرا بولغانلىقىنى دەلىللىدۇق. ئەگەر بىز ياكى باشقىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باشقا بىنورمال ئەھۋاللارنى بايقىساق دەرھال كۆپچىلىككە دوكلات قىلىمىز. بۇ بايانات بىلەن ئوخشاش بولمىغان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى يالغان خەۋەرلەردۇر. بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىشنىڭ مەخپىيەتلىكى بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشقا ئامالسىزمىز.

ھازىرغا قەدەر تەكشۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلاردا لايىھىلەش، مەشغۇلات ۋە باشقا جەھەتلەردە تەڭشەش قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقى كۆرسىتىلدى. مۆلچەرىمىزچە، كېيىنكى قېتىملىق قويۇپ بېرىش پىلانى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. ئېغىر تىپلىق قارچىغا راكېتاسى ئاللىقاچان قويۇپ بېرىش جازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا تىنچ ھالەتتە سىناق قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. بىز يەنە ئۈچ ھەپتە ئىچىدە SLC-40 نومۇرلۇق قويۇپ بېرىش سۇپىسىدىن، «قارچىغا-9» ناملىق راكېتا ئارقىلىق ليۇكسېمبۇرگ سۈنئىي ھەمرا شىركىتى ۋە  ليۇكسېمبۇرگ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا تەييارلاندۇق.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号