باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

ھىندىستاندىكى بۇلغىنىش «يېشىللاشتۇرۇلغان بىنا»غا چوڭ سودا پۇرسىتى ئاتا قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-10 19:17 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 10-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان پايتەختى دېھلىنىڭ ئىس-تۈتەكتىن بۇلغىنىش مەسىلىسى خېلىلا ئېغىرلاشقان. بۇ ئېنىقلا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان خەۋەر. بىراق، بەزى ئەقىللىق سودىگەرلەر بۇنى چوڭ سودا پۇرسىتى دەپ بىلگەن. ھىندىستانلىق سودىگەر كامال مېئاتتېل (Kamal Meattle) ۋە كارخانىچى ئانكىت دۇپار (Ankit Dhupar) بىرلىشىپ «ساپ ھاۋا بىناسى» بەرپا قىلغان. نەتىجىدە سودىسى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان، خېلى كۆپ قىسىم كارخانىلار ئىشخانىسىنى مۇشۇ بىناغا كۆچۈرگەن.

ھەر يىلى قىشتا يېڭى دېھلىنى قويۇق ئىس-تۈتەك قاپلايدۇ، كۆيدۈرۈش، ئاپتوموبىلدىن چىققان كېرەكسىز گاز، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىكى چاڭ-توزانلار، سانائەت چىقىرىندىلىرى بۇلغىنىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. مۇشۇ ئەھۋالنى تونۇپ يەتكەن كامال بىلەن ئانكىت يېشىل بىنا بەرپا قىلىش ئارقىلىق بىر قىسىم كارخانىلارنى پاكىزە ھاۋا بىلەن تەمىنلىدى.

ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككەيلەننىڭ قوللانغان ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، بىنا ئىچىدە نۇرغۇن ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈپ ئۇنى بىر ئورمانلىققا ئوخشىتىپ قويدى. ئۇلار بەرپا قىلغان يېڭى دېھلى پاخارپۇر سودا مەركىزى سىرتىدىن قارىماققا بەكلا ئادەتتىكىچە كۆرۈنىدۇ. بىراق، ئىچى قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان، ئىشخانا ۋە كارىدورلارغا ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەردىن 7000 تۈپتىن كۆپرەك قويۇلغان.

بۇ بىنادا ئۆسۈملۈكتىن باشقا، يەنە سۈنئىي چىملىق ۋە يېشىل تام بار. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ھاۋا «تازىلاش سىستېمىسى» بولۇپ، سىرتنىڭ ھاۋاسى مۇشۇ تازىلىغۇچتىن ئۆتكەندە ئاندىن بىنا ئىچىگە كىرەلەيدۇ، بۇ سىستېما ھاۋادىكى ئۇششاق دانچىلار سۈزۈۋېلىنغاندىن باشقا، يەنە زىيانلىق مىكروبلارنىمۇ تازىلايدۇ.

شۇڭا بىنانىڭ تەشۋىقاتىدا «بۇ بىنادا خىزمەت قىلسىڭىز خۇددى كەشمىر گۇلماگدا ياكى شىۋېتسارىيە داۋوستا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز» دېيىلگەن. پاخارپۇرنىڭ كۆزىتىش سىستېمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى دېھلىنىڭ PM2.5 قىممىتى 415كە يەتكەندە بىنا ئىچىنىڭ PM2.5 قىممىتى نۆلگە يېقىنلاشقان. شۇ سەۋەبتىن ئامازون، سامسۇڭ ۋە مىكرو سوفت قاتارىق خەلقئارالىق شىركەتلەر ئارقا-ئارقىدىن مۇشۇ بىناغا كىرىپ جايلاشتى. بۇلاردىن باشقا، مۇشۇنداق يېشىللاشقان، ساپ ھاۋالىق مۇھىتتا خىزمەت قىلىش چوڭ مېڭىگە پايدىلىق بولغاندىن باشقا، يەنە زىققا ۋە كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىغا پايدىلىق.

بۇ بىنانىڭ ئىچكى قىسىمىنى كۆكەرتىشكە ئەھمىيەت بېرىلگەندىن باشقا، يەنە كېرەكسىز ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگىمۇ خېلى كۈچەلگەن، بىناغا سۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە كىرسىنلىق گېنىراتوردىن بىر نەچچىسى ئورنىتىلغان. بۇ ئارقىلىق يىغىۋېلىنغان دانچىلار سۇيۇق ھالەتتىكى قۇرۇمغا ئايلاندۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ تەركىبىدىكى كاربون ئايرىپ چىقىلىپ پىششىقلانغاندىن كېيىن سىياھ ياكى سىر قىلىنىدۇ.

بۇ تەدبىر ئارقىلىق ئۆتكەن 18 ئايدا 15 لېتىر ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان.

ئانكىت: «ئاخىرقى نىشانىمىز كىشىلەرنىڭ ساپ ھاۋاغا ئېرىشتۈرۈش. ھەممە ئادەمنىڭ ساپ ۋە پاكىزە مۇھىتتا خىزمەت قىلىش ھوقۇقى بار» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شەبنەم1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭ نۇر چەمبىرەككە كىرگىم بار ئىدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号