باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

شىۋېتسارىيەدىكى قاتتىق قاردا قاپسىلىپ قالغانلار پەسكە چۈشۈپ كۆڭۈللۈك ئوينىۋالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-10 22:55 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 10-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاغنى قاتتىق قار قاپلىغانلىقى سەۋەبلىك شىۋېتسارىيەنىڭ داڭلىق قار تېيىلىش رايونى زېرمات رايونىغا بارىدىغان تاشيول ۋە تۆمۈر يوللار توسۇلۇپ كېلىپ 13 مىڭ ساياھەتچىنىڭ ئالپىس تاغلىق رايونىدا قاپسىلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان. بىراق، بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن، ھەممەيلەن پەسكە چۈشۈپ قارلىق دالىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خۇشال مىنۇتلىرىنى خاتىرىلىگەن.

ۋاللىس ئىشتاتىدىكى بۇ قار بارلىق يوللارنى ئېتىپ قويدى.

ھاۋا 9-يانۋار سەل ياخشىلانغاندا تىك ئۇچار كېلىپ نەچچە 1000 ساياھەتچىنى تارقاقلاشتۇردى. بىراق، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈۋاتقان ساياھەتچى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىدى.

قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەر قېلىن قاردا ئوينىدى، بەزىلەر قارغا كۆمۈلسە، بەزىلەر «قار ئېرىق» ياسىدى.

تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلىپ پويىز قاتنىمايدىغانلىقى، ھېچقانداق ساياھەتچى كىرىپ-چىقالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بىراق، زېرماتنىڭ بۇ ساياھەتچىلەرنى سىغدۇرۇپ كەتكۈدەك ئىقتىدارى بار.

تاغ ئارىسىدىكى مېھمانخانا ۋە ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆيلەر ساياھەتچىلەرنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىراق، ساياھەتچىلەر بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ قار تېيىلمىغىنى ياخشى.

بىراق، قاتتىق قار يەنە بىر قىسىم ئاددى ئۆيلەرنى زىيانغا ئۇچراتتى.

ئىگىلىنىشىچە، زېرمات تەسىرگە ئۇچرىغان بىردىنبىر ساياھەت رايونى ئەمەسكەن، ئالپىس تېغىدىكى يەنە بىر قار تېيىلىش رايونى تىگېنستىمۇ ئۆتكەن 48 سائەتتە ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 157 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كېتىپتۇ، سېسترىيېر رايونىدىكى قارنىڭ قېلىنلىقىمۇ 80 سانتىمېتىرغا يېقىنلىشىپتۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号