باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

198يوللانما
6مەستانە

ئايالى بىلەن ئاجراشماقچى بولغان ئەر بالىسىنى يولدىلا بۇلاپ قاچتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-10 23:02 0 ئىنكاس چۈشتى

«بېيجىڭ ۋاقتى» تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 تىن ئاشقاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرىنىڭ باۋئەن رايونىدا ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئىش يۈز بەردى. بىر موماي 5 ياشقا كىرگەن نەۋرىسىنى يېتىلەپ پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بىر ئەر ئېتىلىپ كېلىپ بالىنى كۆتۈرگەن پېتى قاچقان. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ھازىرقىدەك يېڭى جەمئىيەتتە بالا بۇلايدىغان ئىشنىڭ يۈز بېرىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ.

مەكتەپتىن چىققاندا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن تاسادىپىيلىق

 ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەتراپتىكى نازارەت قىلىش كامېراسى ۋەقە يۈز بەرگەن كۆرۈنۈشنى ئېنىق خاتىرلىۋالغان. 3-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 5:04 دە، بىر موماي سومكا ئاسقان ھالدا پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىدىن ئۆتۈۋاتقان، نەۋرىسى ئويناپ-تاقلاپ مومىسىنىڭ ئالدىدا ماڭغان. تۇيۇقسىز يول بويىغا توختىتىلغان BMW ماركىلىق ماشىنىدىن بىر ئەر چۈشكەن، بۇ ئەر بالىنى كۆتۈرۈپلا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا سالغان، بالىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كەلگەن موماي دەرھال ماشىنىنىڭ ئىشىكىگە ئېسىلغان، ماشىنا دەرھال قوزغىلىپ، موماينىڭ قول بېغىشىنى قىسىۋالغان، موماي نەچچە ئون مېتىرغىچە سۆرىلىپ ماڭغان، ئاخىرىدا يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن. بۇ ئىش تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن، ئەمما بالا ئۇ ئەرنى تونۇيدىغاندەك ئۇنىڭغا بەك قارشىلىق قىلىپ كەتمىگەن.

BMW ماركىلىق ماشىنا سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن

 ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر مۇنداق دېدى، شۇ چاغدا موماي ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن يۇرتىنىڭ يەرلىك شخۋىسىدە بۇلاڭچى، بۇلاڭچى، بىرسى نەۋرەمنى بۇلاپ قاچتى، دەپ قاتتىق ۋارقىرىغان. BMW ماركىلىق ماشىنا سۈرئىتىنى تېزلىتىپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن.

ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق يوشۇرۇن سەۋەبنىڭ بارلىقىنى بايقىغان

 ئارقىدىن كۆيۈمچان شەھەر ئاھالىلىرى ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ئەمما موماينىڭ يۈزى سۈرۈلۈپ كەتكەچكە، ھەممىلا يېرى قان يۇقى بولۇپ كەتكەن. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن موماينى يېقىن ئەتراپتىكى دورا دۇكىنىغا ئەكىرىپ يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلغان ھەمدە بۇ ئىشنى تەكشۈرگەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار شەھەر ئاھالىلىرى بالىنى بۇلاپ كەتكەن باشقا ئادەم بولماستىن، دەل بالىنىڭ ئۆز دادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەسلىدە ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئاجرىشىمىز دەپ ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقىلى 2 يىل بولغان. ھازىر 5 ياشقا كىرگەن ئوغۇل بالىنى ئىزچىل ئانىسى بېقىپ كەلگەن، بالىنىڭ دادىسى بالىسىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولۇپ شۇنداق قىلغان.

ئائىلە زىددىيتىنى ھەر قايسى تەرەپلەر مۇرەسسە قىلدى

ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، گۇڭلې ساقچىخانىسى دەرھال ۋەقەنى تەكشۈرگەن، خەلق ساقچىسى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ساقچىخانىغا كېلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشنى ئۇقتۇرغان، ھەقدار ئىككى تەرەپمۇ مۇرەسسەنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغان. گۇڭلې مەھەللىسىمۇ مۇرەسسەگە ئارىلاشقان، ئىككىلا تەرەپنىڭ بالىنى بېقىش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.

بالىنىڭ ئانىسى ياۋ خانىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇ دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئانىسىنىڭ بەدىنىنىڭ كۆپ جايلىرىنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلغان. لېكىن موماي نەۋرىسىنى ئىزدەشكە ئالدىراپ، تەۋەلىك رايونىدىكى خەلق ساقچىسى خاتىرە قالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن دېلو تۇرغۇزۇپ ئادەم ئىزدەيدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى خالىماي، ئاددىيلا تاڭدۇرغاندىن كېيىن ساقچىخانىغا بېرىپ خاتىرە قالدۇرغان. ساقچى تەرەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا بالىنى دادىسىنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ ئىلىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئىشنىڭ ئائىلە ماجىراسىغا تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان .

بالىنىڭ ئانىسى ياۋ خانىم: «ئانام بەك ئېغىر يارىلىنىپتۇ، كۆزىنىمۇ ئاچالمايۋاتىدۇ. كۆز ئالمىسىغا قان تولۇپ كەتتى. مەن ئانامنى يارىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاتتىم، نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يارىسى خېلىلا ياخشىلىنىپ قالدى، يارىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاتتىم، باھالاش نەتىجىسىدە يېنىك زەخمە دەپ باھالاندى.» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号