باش بەت

ئادىلجان

8601يوللانما
123مەستانە

ھىندىستاندا بەش كەنتتىكى 5000 ئادەم ئوخشاش بىر كۈندە تۇغۇلغان بولۇپ قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 11:30 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Aadhaar cardنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «ھىندىستان ئۆزگىچە سالاھىيەت گۇۋاھنامسى» بولۇپ، بۇ سالاھىيەت سىستېمىسى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «رەقەملىك ھىندىستان» تۈرىنىڭ بىر قىسمى. ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئىرادىلىك پىلانىدا كەلگۈسىدىكى ئاھالىلارنىڭ بارلىق ئۇچۇرىنى مۇشۇ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق ئۇلاش پىلانلانغان، ماشىنىغا ئولتۇرۇش، نەق پۇلسىز چىقىم قىلىش، كېسەل كۆرسىتىش، سۇغۇرتا، پېنسىيە پۇلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ كارتىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 

ئەمما ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىدە تۈرلۈك ئىشەنچىسىز ئامىللار بولغاچقا، بۇ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر تۈرلۈك مەسىلىلەردىن خالىي بولالمىدى.

ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان مەسىلىنى تىلغا ئالساق بەلكىم ئىشەنمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ سىستېمىدا نەچچە ئون مىڭلىغان ئادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى سىستېما تەرىپىدىن ئوخشاش بىر كۈن قىلىپ قويۇلغان. 

يېقىندا مادخيا ئىشتاتىدىكى بىر كىچىك بازىرىدىكى بەش كەنتتە مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلدى، بەش كەنتتە جەمئىي 7000 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 5000 ئادەمنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئوخشاش بىر كۈن يەنى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى بولۇپ قالغان. 

بۇ 5000 كەنت ئاممىسى Aadhaar cardنى قولىغا ئالغان ۋاقىتتا قاتتىق ھەيران قالدى. 

تۇغۇلغان ۋاقىت ئۆزگىرىشىدىنمۇ ئېغىر يەنە بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ ئاھالىلەرنىڭ بۇرۇنقى ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسى، ياردەم تۈرىدە تولدۇرۇلغان سالاھىيەت ئۇچۇرى سىستېمىدىكى سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن ماس كەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئىلتىماسى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويۇلدى، ھەتتا بىكار قىلىندى. 

بۇنداق خاتالىقنىڭ كېلىپ چىقىشىشغا قارىتا adhaar cardنى لايىھەلىگۈچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، سىستېما تۇغۇلغان كۈننى ئاپتوماتىك ھالدا 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگە تەڭشەپ قويۇشىدا بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمەيدىغان بولۇپ، كېيىنكى مەزگىلدە ئۆزگەرتىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىكەن. 

بۇ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا بارماق ئىزى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش كېرەك


يەرلىك ھۆكۈمەت 5-10 كۈن ئىچىدە سىستېمىدىكى تۇغۇلغان كۈن ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. 

Aadhaar cardتىكى تۇغۇلغان كۈن ئۇچۇرى خاتا بولۇپ قېلىش مەسىلىسى پۈتۈن ھىندىستاندا كۆپ قېتىم يۈز بەردى. گەرچە بىزنىڭ نەزىمىزدە نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئۇچۇرىنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشى بىر كۈلكىلىك ئىش بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستاندىكى بىر قىسىم كەنتلەردە بۇ خاتالىق كىشىلەرنى ھاياتىدىن ئايرىۋېتەلەيدۇ. 

جارخاندا ئىشتاتىنىڭ بەزى جايلىرىدا نۇرغۇن كىشىلەر ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتمەكتە، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى Aadhaar cardتىكى تۇغۇلغان كۈن ئۇچۇرىنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشى بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ قولىدىكى تولۇقلىما بېرىش كارتىسىدىكى ئۇچۇرلار Aadhaar cardتىكى ئۇچۇرلار بىلەن بىردەك بولمىغاچقا، ھۆكۈمەت بۇلارغا قۇتقۇزۇش ئاشلىقى بېرىشنى رەت قىلغان. 

شۇڭا ھىندىستانلىق تورداشلار Aadhaar cardغا باھا بەرگەن ۋاقىتتا خۇرسىنغان ھالدا «بۇ ئويۇن سەل چېكىدىن ئېشىپ كەتتى» دېيىشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي بۇ ساختا خەۋەر مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن .ككرلۈش نىسپىتىنى يوقرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەنىم دەپ باقىدىكەن بۇ خەق

  • ئۇچقۇن3 ئاي ئىلگىرى

    بۇدۆلەتتە غەلىتە ئىشلار بەك كۆپكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号