باش بەت

ئادىلجان

8601يوللانما
123مەستانە

باففېت ھازىرمۇ كونا نۇسخىدىكى قاتلىنىدىغان سامسۇڭ يانفونى ئىشلىتىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 11:49 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالمىنىڭ بەشىنچى چوڭ پايچىكى، پايچىكى ئۇستازى باففېت iPhoneنىڭ كەلگۈسىگە كۈچلۈك ئىشىنىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر جانلىق مىسال كەلتۈردى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن قاچان iPhone سېتىۋالسام ئەقلىيفون بازىرى شۇ ۋاقىتتا راستىنلا تۈگىشىشى مۇمكىن، چۈنكى مەن چوقۇم ئەقلىيفون ئىشلەتكەن ئەڭ ئاخىرقى ئادەم بولۇپ قالىمەن.»

بۇ باففېتنىڭ چاقچىقى ئەمەس، گەرچە ئۇنىڭ قولىدا ئالمىنىڭ 23 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق پايچىكى (تەخمىنەن 134 مىليون پارچە پايچىكى) بار. ئەمما ئۆزى يەنىلا سامسۇڭنىڭ بۇرۇنقى كونا تىپتىكى قاتلىنىدىغان سامسۇڭ يانفونىنى ئىشلىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئەزەلدىن ئەقلىيفون ئىشلىتىشنى ئويلاپ باقمىدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل تىم كۇك ماڭا يەنە روژدېستىۋو تەبرىك كارتىسى ئەۋەتتى، ئۇ بۇ يىل ماڭا چوقۇم بىر iPhone ساتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمەلىيەتتە كۇك ھەر يىلى مۇشۇنداق روژدېستىۋو تەبرىك كارتىسى ئەۋەتىپ iPhone ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.»

باففېت 2016-يىلى ئالما شىركىتىنىڭ پېيىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئىزچىل تۈردە قولدىن چىقىرىۋەتمەي ساقلاپ كەلدى، ئۇنىڭغا ئوخشاش پوزىتسىيەدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. ئەمما بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، iPhone Xنىڭ باھاسى سەل يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىكىپ مال چىقىرىلغان بولغاچقا، ئالمىنىڭ بازار ئۈلۈشى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىغان. 

بۇ يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالما ئەڭ يېڭى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىز iPhone Xنىڭ زادى قانچىلىك سېتىلغانلىقىنى بىلەلەيمىز. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号