باش بەت

ئادىلجان

8583يوللانما
123مەستانە

خاۋكىڭ: يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كىم ئىنكار قىلسا ئۇنى ۋېنىراغا ئېلىپ چىقىپ كۆرسىتىپ قويىمەن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 12:58 16 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىلىماتنىڭ ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ھەممىلا ئادەم ئىشنىپ كەتمەيدۇ. بىر قىسىم گۇمان قىلغۇچىلار ھەتتا ئىنكار قىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نوپۇزلۇق كىشىلەر. ئەمما سىتېفېن خاۋكىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ياغلىما سۆزلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. چەتئەل تاراتقۇسى CNETنىڭ خەۋىرىدە ئاساسلانغاندا، بۇ داڭلىق فىزىكا ئالىمى «سىتېفېن خاۋكىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان جاي» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ۋېنىرانى مىسال قىلىپ، ئەگەر ئىنسانلار مۇھىتقا داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلسا يەر شارى قانداق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. 

ئۇ مۇنداق دېدى:«ۋېنىرا نۇرغۇن تەرەپلەردە يەر شارىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، خۇددىي يىراق تۇغقانغا ئوخشاش. ئۇ ئاساسەن يەرشارى بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا. ۋېنىرا بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقى يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقىدىن ئازراق يېقىن، ئەمما ئۇنىڭمۇ ئاتموسفېرا قەۋىتى بار.»

ھۆججەتلىك فىلىمدە كومپيۇتېر گىرافىك تېخنىكىسى ئىشلىتىلىپ خاۋكىڭنىڭ ئالەم ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ۋېنىراغا بارغان سەپىرى تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سولفات كىسلاتا بىلەن تولغان بۇلۇت قاتلىمىدىن ئۆتكەن. 

ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ ۋېنىرادىكى بېسىم كۈچىنىڭ يەرشارىدىكىنىڭ 90 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر سۇ ئاستى كېمىسىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدىغان بېسىم، تېمپىراتۇرىسىچۇ؟ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەخمىنەن  ℃480».

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، پارنىك ئىففېكتى كونتروللۇقىنى يوقاتقان ۋاقىتتا مۇشۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقىدىكەن. ئۇ يەر شارىنىڭمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. 

NASAنىڭ 2002-يىلىدىكى تەتقىقاتىدا تەخمىنەن تۆت مىليارد 500 مىليون يىل بۇرۇن ۋېنىرانىڭ يەر شارى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى، سۇ بارلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى سۇ ھورىنىڭ پارلىنىشى تېزلىشىپ، قاپسىلىپ قالغان ئىسسىقلىق مىقدارى كۆپىيىپ، پارنىك ئىففېكتى كۈچىيىپ، ئاخىرىدا دېڭىز-ئوكيانلار قۇرۇپ كەتكەنىكەن. 

خاۋكىڭ ئالاھىدە ياسالغان ئالەم سەپىرى كىيىمى ۋە SS Hawking ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرغان بولغاچقا، شۇ قېتىملىق ۋېنىرا سەپىرىدە ھايات قالغان. 

ئەمما ئۇ يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرگە بىر مەسخىرىلىك كىنايىنى يەتكۈزدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «كېلەر قېتىم يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغۇچىغا يولۇقۇپ قالسام ئۇنى ۋېنىراغا ئېلىپ چىقىپ كۆرسىتىپ قويىمەن، چىقىمىنى ئۆزۈم ئۈستۈمگە ئالىمەن.»

خاۋكىڭ ئىزچىل تۈردە ئەگەر يەر شارىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىساق، ناھايىتى تېزلا يەر شارىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىمىز دەپ قاراپ كەلمەكتە. 

ئەمما ئامېرىكىنىڭ «پارىژ كىلىمات كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقىشى ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ خاۋكىڭدەك يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەردىن ئەندىشە قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ALL★STAR1 ئاي ئىلگىرى

    تىرامپتا بۇ كىرزىسنى چۈشەنگۈدەك كاللا يوقمىكىن دەيمەن. شۇڭا كىلىشىمدىن چىكىنىپ چىقتىغۇ.

  • مىرسىدىس3 ئاي ئىلگىرى

    يەر،شارىمىزنى،قوغدايلى،ھەممە،نەرسە،بۇلغىنىپ،كەتتى،
    ئۇنىڭ،دىگىنى،راس

  • مۇرادىل3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئالىم بۇرۇن ئالەم ئوچقۇچىسى بوپ باققان ئوخشىمامدۇ

  • مىنىڭ ئىسم3 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئىنكار قىلىمەن مىنى ۋىنىراغا ئاپچىقىپ كۆرسۇتۇپ قويسۇن ،

  • تەشەككۇر3 ئاي ئىلگىرى

    پەرزىمچە قۇياش ئۆزىگە يېقىن ئوربىتىدىكى مىركورىنى ئۆزىگە يېقىىلغۇ قىلغان ھامان يەرشارى پەشتاقسىمان ھالەتتە قۇياشقا بىر دەرىجە يېقىنلىشىپ ھاياتلىققا ماس بولغان يىشىل بەلباغدىن چىقىپ كىتىدۇ دە ، قۇياش غەرىپتىن چىقىدىغان ئاخىرقى زامان يىتىپ كىلىدۇ ، مارىس ھازىرقى يەرشارىنىڭ ئورنىغا كىلىپ ئىپتىدائى ھاياتلىق مارىستا
    يىڭىباشتىن قايتىلنامىكى ، قۇياشتىن ئەڭ يىراق بولغان پىلوتوننى ئالىملار بىر مەزگىل پىلانىتلار سانىدىن چىقىرۋەتتى ،چۈنكى ئۇ قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلار قانۇنىيتىگە بوي سۇنمىدى ، بۇنۇڭدىن قۇياش ئۆزىگە يېقىن پىلانىتنى يۇتقان ھامان سىرتىدىن بىر پىلانىتنى ئۆزىگە قېتىۋىلىپ ھاياتلىقنىڭ دەۋىرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ ، ئاتوم تەتقىقاتىدا ئاللىقاچان ئىسپاتلاندىغۇ ، ئاتوم يادروسى ئىنىرگىيەسى تۈگىسە ئۆزىگە يېقىن ئىلىكتىروننى يۇتۇپ
    ئىنىرگىيە تۇلۇقلاپ سىرتىدىن بىر ئىلىكتىروننى قېتىۋالىدىكەن ، يادو سىرتىدا سەككىز ئىلىكتىرونى بار بولغان ئىلمىنىت 0 ئوكسىگىن ، سەككىزچوڭ پىلانىتنىڭ مەركىزدىكى تۇرغۇن يۇلتۇز قۇياش ھىدروگىندىن تەركىپ تاپقان ، ئىككىسىنىڭ بىرىكمىسىدىن سۇ ھاسىل بۇلۇدۇ ، بۇنۇڭدىن ماددىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى ئاتوم ، ئەڭ چوڭ بىرلىكى قۇياش سېستىمىسى قانۇنيتى ئوخشاشقۇ يەنە ،

  • ئېكىس3 ئاي ئىلگىرى

    باشقا يۇرتتا قانداق بىلمىدىم، ئەمما مىنىڭ يۇرتۇمدا يامغۇر كىچىك چاغلىرىمدىكىدەك قاتتىق ياغمايدۇ،قىتىم سانىمۇ كۆپ ئەمەس، قارنىڭ مىقدارىمۇ ئازلاپ كەتتى، ئارىلاپ بىرقانچە قىش قار ياغمايمۇ چىقىپ كەتتى.

  • مەن كىم3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خەۋەرنى يازدا يوللىغان بولساڭلار بوپتىكەن، ھەقىقەتەن ئىسسىپ كەتتى دەپ ۋايسايدىغانلار چىقاتتى.

  • خەلقىم3 ئاي ئىلگىرى

    خاۋكىڭ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ بىر ئالىم قايسىڭلار خاۋكىڭدەك پۈتۈن ئەزايى مىيىپ پەقەت كۆز قارچۇقىنى مىدىرلىتىش ئارقىلىق باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان يەنە بىر ئادەمنى كۆرۈپ باقتىڭلار؟ئۇنىڭ چاقلىق ئورۇندىقىنىڭ ئالدىدىكى ئاۋۇ ئىكىران دەل ئۇنىڭ كۆز ھەركىتىنى ئانالىز قىلىپ سۆزگە ئايلاندۇرۇپ بىرىدىغان كومپىيۇتىر

  • ئارسېنال3 ئاي ئىلگىرى

    بوركوت چونكى زەرەپشان دەرياسىنىڭ باش ئىقىنى بولغان راسكام ئاقتىكەن دىگەن يەلەدە سىز دىگەندەك مەنزىرنى كوگىلى بولدو سو بەك كوپ لىكىن ئونىڭ ئايىغىدا ئارتاش ئامبىرى قورلىۋاتدو ھەم توختىماي سو قاچلاۋاتدو شوڭا ئاياغ ئىقىندا سو قىس بوپ قىلۋاتدو .يەنە ماۋو تىتەن پەتى گەپ گەپ قىلۋاتقانلا خاۋكىڭنىڭ دىگەن گىپنى ياراتماي كەتىڭلامو تىخى بىلىپ قىڭلا ئودىگەن بىر ئالىم دونيا ئىتراپ قىغان ئالىم.يەر شارىنىڭ ئىللىپ كىتشى ھەقىقەتەن ئەمىليەت بونىڭغا كوز يوموشقا بولمايدو

  • مۇرادىل3 ئاي ئىلگىرى

    بۈركۈت توغرا دىدىڭىز

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号