باش بەت

زۆھەل

271يوللانما
19مەستانە

ئامېرىكىدا iPhone X نى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرنى سېتىۋالسا بىرنى سوۋغات قىلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 13:51 7 ئىنكاس چۈشتى

تېخنىكا تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۆزلەپ كەلسەك بەلكىم كۆپچىلىك ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن، iPhone Xنىڭ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سېتىلىش ئەھۋالى دۆلىتىمىزدىكىدەك ئۇنچىلىك ياخشى ئەمەس. دۆلىتىمىز كىشىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، چەتئەللىك ئىستېمالچىلارنىڭ ئەقلىيلىكنى ئاساس قىلىشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار iPhone 8نى سېتىۋېلىش تېخىمۇ بەكرەك ئەرزىيدۇ دەپ قارايدۇ.

ئالمىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، iPhone Xنىڭ سېتىلىشى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭمۇ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم سودىگەرلەر سېتىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرنى سېتىۋالسا يەنە بىرنى سوۋغات قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىماقتا.

T-Mobile بۇ كاتتا ئېتىبار پائالىيىتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ (1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە)، ئىستېمالچىلار بىرنى سېتىۋالسا يەنە بىرنى سوۋغات قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمان بولالايدىكەن. بۇلار ئالما ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان iPhone X، iPhone 8 ۋە كونا نۇسخىدىكى iPhone 7 قاتارلىقلار بولۇپ، ئەلۋەتتە كۆپ قىسىم ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشى يەنىلا 999 دوللارلىق ئىككى دانە iPhone X يانفونى بولىدۇ.

بۇ ئەھۋال ھەم iPhone X يانفونىنىڭ نۆۋەتتىكى قىزغىنلىق تۆۋەن بولۇۋاتقان بازار ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىر قىسىم تەھلىلچىلەرنىڭ ئىلگىرىكى مۆلچەرلىرى رېئاللىققا ئايلاندى، يەنى «بەش مىنۇتلۇق قىزغىنلىقتىن كېيىن پەسكويغا چۈشۈش» iPhone X يانفونىغا بولغان قىزغىنلىقنى تۆۋەنلىتىۋەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولسا 1000 دوللارلىق باھانىڭ بەكلا يۇقىرى بولۇپ كەتكىنى بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى زور چەكلەشكە ئۇچراتقان.

بازاردىكى بىرنى سېتىۋالسا يەنە بىرنى سوۋغات قىلىش پائالىيەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، T-Mobileنىڭ مەشغۇلاتلىرى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئىستېمالچىلار ئىككى دانە ئالما يانفونى سېتىۋالماقچى بولسا، ئۆزىنىڭ بىر يانفون نومۇرىنى T-Mobileنىڭ تورىغا يۆتكىشى كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىلگىرى ئىشلەتكەن كونا يانفونىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن توردا پۇل قايتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرلىنەلەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 860882 ئاي ئىلگىرى

    جوڭگۇ بازىرىدىمۇ بىرنى سېتىۋالسا بىرنى سوغا قىلامدۇ

  • تاتلىق09973 ئاي ئىلگىرى

    پاھ بەزىلەر ئارزۇلاپ ئۆچرەت تۇرۇپ سېتۋالدىغان ئالمىىنى ،تۆكمە قىپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ مىنە ھە،ئىسسىق جايلاردا سېسىشقا باشلىدمۇ ما ئالما ،نىمە گەپ بۇ ئەمدى سوغوقتا قالسا 40-50پىرسەنت توكى بىلەن ئىتلىپ قالسا ،ئىسسىقتا قالسا تۆكمە قىلىپ ساتسا ،مەنمۇ بىرنى ئېلىشنى ئويلاشقان چۈنكى سېستىمسى بىخەتەركەن ،لىكىن ئۇششاق ئىشىمۇ خېلى باكان بىر تۇنشۇمنىڭ ئالما 6s تىن بىرسى باتى قارسام شۇنچىكى سوغوقتا كالسا 40پىرسەنىت توكى 10مىنۇتلۇق بولمايدىكەن ،
    يەنلا خۇاۋيرىمنى ئىشلىتىۋەسەم بولغۇدەك ،p7دىن بىرنى ئالغىلى 2يىل بولدى شۇنداق راۋان يېڭلاي دىسەم ساپساق يەنىلا خۇاۋېي ياخشىكەن مەن ئۈچۈن…

  • ئوسال ئاشىق3 ئاي ئىلگىرى

    قۇياش غەرىپتىن چىقسا قانداق بۇلاكىن

  • مۇز3 ئاي ئىلگىرى

    قىپقىزىل يالغان گەپ بەزى يەرلەردە مال يىتىشمەسلىك بۇلاۋاتسا ئالما بىرنى ئالسا بىرنى قۇشۇپ بىرەمدا ئالما ئۇنچىلىك سىخى ئەمەس

  • ئاپلېسىن رەڭ3 ئاي ئىلگىرى

    دۆلىتىمىزدىمۇ بىرنى سىتۋالسا بىرنى سوغا قىلسا بولمامدىكنا ،باھاسىنى قىممەت قىلۋاغىچە ئەرزانراق قىلسا ئالدۇ

  • 特别爱3 ئاي ئىلگىرى

    نۇر تورى خەۋەرنى كۆپ كۆپ يوللاڭلار.

  • سەھەر 13 ئاي ئىلگىرى

    بىكادا ئىش يوق تۇخۇدا چىش يوق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号