باش بەت

گۈلمىرە شەمشىدىن

1832يوللانما
1418مەستانە

يامىشىشقا خۇمار بولۇپ قالغان ئالتە ياشلىق «ئۆمۈچۈك پالۋان»

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 14:20 7 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىچىك بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى شوخ، كەپسىز، ئۇششاق ھەرىكىتى كۆپ، گەپ ئاڭلىمايدىغان كېلىدۇ. ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە ئۇستازلىرىنىڭ قائىدە ئۆگىتىشى ئارقىسىدا ئاندىن، ئاستا-ئاستا ھەرخىل ئەدەب-قائىدە ۋە بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىپ، بولمىغۇر قىلىقلىرىنى تاشلايدۇ. 

ئەمما بۇ رەسىمدىكى بالا باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بالىنىڭ جىمغۇرلۇق كېسىلى بار، ئۇ ئۆزىدىن ئېگىزلا بولغان ھەرقانداق نەرسىگە يامىشىشقا ئامراق، ئاتا-ئانىسى ئازراقلا دىققەت قىلمىسا ئۆگزىگە يامىشىپ چىقىۋالىدىكەن. شۇ سەۋەبلىك ئانىسى ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىدىكەن.

بۇ بالىنىڭ ئىسمى ئىسان برودۇن (Ethan Broughton)، بۇ يىل ئالتە ياشقا كىرگەن بولۇپ، كىچىكىدىنلا ھەرخىل نەرسىلەرگە يامىشىشقا ئامراق ئىكەن. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇ تېخىمۇ خەتەرلىك نەرسىلەرگە يامىشىدىغان بولۇۋالغان.

ئۆيدە بولسىلا بىردە ئىشكاپقا چىقىۋالسا، بىردە پەلەمپەينىڭ تۇتقۇچىدىن يامىشىپ ئۈستۈنكى قەۋەتلەرگە چىقىپ كېتىدىكەن. بوسۇغىدىن چىققان ھامان، دەل-دەرەخلەرگە، ھەتتا تۇرۇبىلارغىمۇ يامىشىدىكەن. ئانىسى سارون بولسا پەستە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىكەن.

ئەلۋەتتە، بەزى تورداشلار ئانىسى بولغاندىكىن بالىسىنى ياخشى باشقۇرسا ياكى گەپ ئاڭلىمىغاندا ئۇرۇپ بولسىمۇ ئوڭشىسا بولمامدۇ دېيىشىدىغاندۇ، ئەمما، بۇ بالىنىڭ جىمغۇرلۇق كېسىلى بولغاچقا، ئانىسى ئازراقلا كايىپ، ئۇنىڭ چۈشۈشىنى تەلەپ قىلسا، ئۇ گەپ ئاڭلىماقتا يوق، شۇ ھامان پەسكە سەكرەيدىكەن، ياكى بولمىسا ئانىسىغا قول-پۇت ئىشلىتىپ ئەسەبىيلىشىپ كېتىدىكەن.

ئوغلىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، سارون خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئوغلىنىڭ مەخسۇس قارانچۇقى بولغان. ھەرقېتىم سىرتقا چىققاندا، ئوغلىنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلالماي ئۆگزىگە يامىشىپ چىقىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنى چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ باغلاپ قويىدىكەن.

زىيارەتتە سارون مۇنداق دېگەن:«مەن ئوغلۇمنى بەك سۆيىمەن، ئۇنىڭ تېزراق ساقىيىپ كېتىشىنى، يامىشىش خۇمارىنىڭ يوقاپ، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەڭگۈ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇنى قوغدايمەن.»


باش سۈرەت تاللاش x
  • بەيرىن مىيۇنخېن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي ئۇزى چىقىرىپ قۇياپ ،رەسىمگەتاتىپ ئىككى ئېغىز گەپ قىپ بەسە ئىشنىپ كەتىتىڭلاما ،بىرسى چىقىرىپ قۇيمىسا، تايىنلىق چىكەتمىسۇن ،قاملاشمىغان،،

  • يۇز كىلەلەمسەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ما بالغا قىززىقىۋاتىمىنا بۇمۇ بىر يۇشۇرۇن تالانىت كىيىنچە داڭلىق چولپان بولۇپ قالامدۇ تىخى

  • ئەسكى -Y1 ھەپتە ئىلگىرى

    نۇرمال ئىشلارغۇ بۇ، چوڭ بولغانچە ئۇڭشىلىپ كېتىدۇ، مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا شۇنداقتىم، دەرەخ، تام ،ئۈگزە، تۆمۈريول كۆۋرۈكى دىگەنلەرگە يامىشىپ ئوينايىتتىم، تال بارىڭىدا يەردە يەردە ماڭغاندەكلا ماڭاتتىم، لېكىن ھازىر ئېگىزلىكتىن سەل قورقىمەن،

  • مېيخۇا1 ھەپتە ئىلگىرى

    يامىشىشتا تالانتى با بۇسا كېرەك

  • Btf*-*1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئانىلار ئۇلۇغ ئامان بولسۇن شۇ قەدىردانلا

  • ♡ F o R L i F e ♡1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇمۇكۇڭمۇ بۇ ئەمسە

  • ھەيدەر بەگ1 ھەپتە ئىلگىرى

    مابالىنى ئاستا ئاستا مۇسكۇلچى قىلسابولدىغان چىراي
    جۇمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号