باش بەت

جۇشقۇنجان

3501يوللانما
4مەستانە

مىكروسوفت تور دۇكىنىدا خۇاۋېينىڭ Mate 10 Pro يانفونى سېتىلىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 16:03 2 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خۇاۋېينىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كېڭىيىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىكروسوفت شىركىتى ئۆزىنىڭ تور دۇكانلىرىدا پات يېقىندا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ Mate 10 Pro ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنى سېتىشقا باشلايدۇ، بۇ يۇمشاق دېتال ماگناتىنىڭ ئاندرويىد ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزىنىڭ تور دۇكىنىغا سېلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. چۈنكى مىكروسوفت شىركىتى ئۆتكەن يىلى كۈزدىن باشلاپ تور دۇكانلىرىدا سامسۇڭ Galaxy S8 ۋە S8 + ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنى سېتىشقا باشلىغان. شۇ چاغدىن باشلاپ مىكروسوفت شىركىتى ئۆزىنىڭ تور دۇكانلىرىدا ئۈزۈلدۈرمەي ھەرخىل ئاندىرويىد يانفونلىرىنى سېتىشقا باشلىغان، شۇڭا ھازىر مىكروسوفت شىركىتىنىڭ سېتىۋاتقانلىرى ئەمەلىيەتتە گۇگولنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان يانفونلار بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ Windows سىستېمىسى قاچىلانغان يانفونلىرى ئەمەس.

ئالدىنقى ھەپتىدە مىكروسوفت شىركىتى ئۈن تىنسىزلا تور دۇكانلىرىدىن خۇڭچىنىڭ Liquid Jade Primo ۋە Liquid M330 Windows يانفونلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. 10-يانۋار ئالاقىدار خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مىكروسوفت شىركىتى رەسمىي ھالدا خۇاۋېي Mate 10 Pro يانفونلىرىنىڭ پارچە سېتىش شىركىتىگە ئايلاندى. مىكروسوفت تور دۇكىنىنىڭ مال تىزىملىكىدە ھازىر ئوخشىمىغان ئۈچ خىل نۇسخىدىكى ئاندىرويىد يانفونلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ھالدا سامسۇڭ Galaxy S8 / S8 +، سامسۇڭ Galaxy Note 8 ۋە Razer يانفونلىرىدىن ئىبارەت. پەقەت ئىككى خىل نۇسخىدا Windows يانفونى بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ھالدا HP Elite X3 ۋە Alcatel IDOL 4S يانفونلىرىدىن ئىبارەت.

ئەگەر Galaxy S8 ۋە S8 + يانفونلىرىنى ئايرىۋەتسەك، ئۇنىڭغا يەنە پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان خۇاۋېي Mate 10 Pro يانفونلىرىنى قوشساق، ئۇنداقتا مىكروسوفت تور دۇكىنى ناھايىتى تېزلا بەش خىل ئاندرويىد مەھسۇلاتى ۋە ئىككى خىل ۋىندوۋس يانفونىنى ساتقان بولىدۇ. نۆۋەتتە، مىكروسوفت تور دۇكىنى Alcatel IDOL 4S يانفونلىرىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋاتقان بولۇپ، ھازىرقى باھاسى پەقەت 99 دوللار، بەلكىم ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بۇ يانفونلار تور دۇكىنىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. دېمەك، شۇنىڭدىن كېيىن مىكروسوفت تور دۇكىنىدا پەقەت HP Elite X3دىن ئىبارەت بىرلا خىل  ۋىندوۋس يانفونى قالىدۇ. مىكروسوفت تور دۇكىنى يەنە Lumia يۈرۈشلۈكىدىكى بايراقدار دەرىجىلىك Lumia 950 ۋە 950 XL يانفونلىرىنىمۇ دۇكاندىن يۆتكىۋەتمەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 微笑的死神1 ھەپتە ئىلگىرى

    يانفون بىر تەرەپ قىلغۇچى cpu دەيمىز spu ئەمەس ، ھەجەپ بىر دۇلدۇل بىلەن ئىشەكنى سېلىشتۇرغاندەكلا ئىش بوپتۇ دىسە ....

  • قايدا سەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    يانفوننىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچى دىگىنى spu دىگەن شۇمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号