باش بەت

گۈلنىسا

233يوللانما
16مەستانە

تاماكا چېكىشتىنمۇ خەتەرلىك 9 ئادەت! سىزدە مۇشۇنداق ئادەتلەر بارمۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 16:58 3 ئىنكاس چۈشتى

مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
1. كۈنلەپ قوپماي ئولتۇرۇش
ئۇزاق ۋاقىت ئىشخانىدا ياكى ماشىنىدا ئولتۇرۇش، نۇرغۇن كېسەللەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. دائىم چېنىققان تەقدىردىمۇ ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ.
كانادادىكى ئالاقىدار تەتقىقات ئاپپاراتىنىڭ بايقىشىچە، يىلدا كۆرۈلىدىغان تۈمەنلىگەن سۈت بېزى راكى، بوغماق ئۈچەي راكى، مەزى بېزى راكى ۋە ئۆپكە راكى كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسى ئاز چېنىققانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.

تەكلىپ: خىزمەت قىلغاندا قەرەللىك ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئائىلىدىمۇ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى كېرەك.
 
2. بۇستارتقۇنى ئاچماسلىق

ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، گاز ئوچاق ئىشلەتكەندە شامال ئۆتۈش راۋان بولمىسا ئۆي ئىچىدىكى كاربون چالا ئوكسىد، ئازوت دىيوكسىد ۋە تولۇئالدېگىد مىقدارى ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇ 3 خىل بۇلغىما ئىسلىنىشتا دائىم كۆرۈلىدىغان ئۈچ بۇلغىمىكەن.
تەكلىپ: مەيلى قورۇپ ياكى دۈملەپ تاماق ئېتىڭ، گاز ئوچاق ئىشلەتكەندە چوقۇم بۇستارتقۇنى ئېچىڭ، بۇنداق قىلغاندا بۇلمىغىنى %60~%90 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

3
گۆشنى بەك كۆپ يېيىش

ئامېرىكا «ھۈجەيرە ماددا ئالمىشىش» ژۇرنىلىغا بېسىلغان جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ھايۋانات ئاقسىلىنى كۆپ يېگەن كىشىلەرنىڭ كېيىن راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئوخشاش ياشتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن 4 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
تەكلىپ: ھايۋانات ئاقسىلىنىڭ ئورنىغا پۇرچاق قاتارلىق ئۆسۈملۈك ئاقسىلى يېيىش كېرەك. ئوتتۇرا ياش كىشىلەر كۈندە ئېغىرلىقى بويىچە ئاقسىل تولۇقلىشى كېرەك، ھەر 0.9 كىلوگىرامغا 0.8 گىرام تولۇقلىسا بولىدۇ.

4. مايدا پىشۇرغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش

كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېمەكلىك مېيى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاكرولېئىن ۋە نۇرغۇن بولى ھالقىلىق ئاروماتىك ھىدروكاربون بىرىكمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. بۇ تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار تاماكا تەركىبىدىمۇ باركەن، ئاسانلا نەپەس يولى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

5. ئۇزاق ۋاقىت ئۇيقۇ يېتىشمەسلىك

ئۇزاق ۋاقىت ئۇيقۇسى يېتىشمىسە ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، سەكتە، سېمىزلىك ۋە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كېچىلىك ئۇيقۇ ۋاقتى 6~7 سائەتكە توشمىغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چېكىدىغان كىشىلەرنىڭكى بىلەن تەڭكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كېچىلىك ئۇيقۇسى كەمچىل ۋە كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ رىتىمى قالايمىقانلاشسا ئۆسمىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن.
تەكلىپ: كۈندە 7~8 سائەت قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، بۇ سالامەتلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

6. يېتەرلىك سۇ ئىچمەسلىك

يېنىك دەرىجىدە سۇسىزلىنىش(بەدەن سۇيۇقلۇقى پەقەت %2 كەمچىل بولۇش)مۇ ئېنېرگىيە سەۋىيەسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. سۇسىزلىنىش قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەكنىڭ ھەر قايسى ئەزالارغا ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
تەكلىپ: خىزمەت ۋاقتىدا كۆپىنچە ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېرغا قاراپ ئولتۇرغاچقا سۇنى كۆپرەك تولۇقلاش كېرەك.

7. ھېرىپ قالسىلا چېنىقىشنى توختىتىش

بۇ خىل ئەھۋال ئەكسىچە رول ئوينايدۇ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئۇزاق ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن، لېكىن تېنى ساغلام قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ھەپتىدە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 مىنۇت چېنىقسا، 6 ھەپتىدىن كېيىن ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىكەن، تېخىمۇ روھلۇق بولىدىكەن.
دائىم بەدەن چېنىقتۇرسا بەدەن كۈچى ۋە چىدامچانلىقى ئۆسۈپ، يۈرەك-قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈشىگە پايدىلىق.
تەكلىپ: ناخشا ئېيتىش، چوڭقۇر نەپەسلىنىش، سەيلە قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ. پەقەت ماغدۇرىڭىز قالمىغاندا تۈز يېتىپ، ياستۇقنى پۇتىڭىزغا قويۇپ ئىككى پۇتىڭىزنى بېشىڭىزدىن بىر ئاز يۇقىرى قىلىپ ياتسىڭىز قاننىڭ باش قىسمىدا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سەگەكلىشىپ قالىسىز.

8. يېتىپ يانفون ئويناش

تەكشى تاختىلىق كومپيۇتېر، ئەقلىيفون قاتارلىقلارنىڭ ئېكرانى چىقارغان كۆك نۇر مېلاتونىن ئاجرىلىپ چىقىشىنى توسۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ تەبىئىي فىزىيولوگىيەلىك رىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرىدۇ.
تەكلىپ: ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى ئۇلارنى ئېتىۋېتىش كېرەك.

9. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئازراق ھاراق ئىچىش

ئىسپىرت قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىنى تورمۇزلاپ، تىنچلاندۇرۇش رولى ئويناپ ئاخىرىدا ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئىسپىرت ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بۆرەك ئۈستى بېزى ئاجرىتىشنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاراق ئىچكۈچىلەر كېچىدە ئاسانلا ئويغىنىپ كېتىدۇ.
تەكلىپ: ئۇخلاشتىن 3~4 سائەت بۇرۇن ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بانان3 ئاي ئىلگىرى

    ماڭە بۇرادە……خوتۇن ئېلىپ سوراپ باق،ئاندىن بىلىسە.

  • ئاسىيا يىلپىزى3 ئاي ئىلگىرى

    گۆشنى بەك جىق يەيمە لىكىن ئىشەكتەك يۈگرەيمە

  • timtac3 ئاي ئىلگىرى

    مەندە ئىككىسى باكەن، مىنىڭ چېنقىش بىلەن خۇشۇم يوق، ياتساملا يانفۇن ئوينايمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号