باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11589يوللانما
944مەستانە

110غا تېلېفون قىلغان ئەر: پويىزغا ئۇقتۇرۇپ قويساڭلار، مېنى 20 مىنۇت ساقلاپ تۇرسۇن

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 18:00 4 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا تېز سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ئىشىكىگە ياماشقان لو فامىلىلىك ئايال تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغاپ، ئەڭ ئاخىرىدا 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، مەكتەپمۇ ئۇنى ئىشتىن بوشاتتى.

مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ مۇخبىرى زىيارەت قىلغاندا، لو فامىلىلىك بۇ ئىشقا قارىتا كەچۈرۈم سوراپ: «بارلىق تورداشلار، تۆمۈر يول خىزمەتچىلىرى يەنە شۇ نۆۋەتلىك پويىزغا چىققان يولۇچىلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن، شۇ كۈندىكى قىلمىشىم ھەقىقەتەنمۇ چېكىدىن ئېشىپ كەتتى، كۆپچىلىكنىڭمۇ مېنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى.

 

بىراق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ئادەم «كۈتۈشى» تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. نەنجىڭ تۆمۈر يول ساقچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، بەزىلەر تېخى ئاتايىن 110 غا تېلېفون قىلىپ، پويىزنىڭ ئۆزىنى ئازىراق كۈتۈپ تۇرۇشىنى تاپىلايدىكەن.

ئاۋاز چاستوتىسىدىكى 110دىن ياردەم تەلەپ قىلغان ئەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇ نەنجىڭ لۇكوۋ ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، جىددىي نەنجىڭ جەنۇبىي بېكەتتىن يىشىڭغا بارىدىكەن. گەرچە ئەر تاكسىنى توساپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق شوپۇرنىڭ ھەرقانچە قىلسىمۇ پويىز قوزغىلىشتىن بۇرۇن بېكەتكە بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ نەنجىڭ تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ: «خاپا بولماي پويىزغا ئۇقتۇرۇپ قويغان بولساڭلار، مېنى ئازىراقلا ساقلاپ تۇرغان بولسا، مەن 20 مىنۇتتىلا يېتىپ بارىمەن...»، دېگەن.

تېلېفوننى قوبۇل قىلغان ساقچى بۇنداق يولسىز تەلەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى خۇشخۇيلۇق بىلەن چۈشەندۈرۈپ: «پويىز دېگەن ئاممىۋى قاتناش قورالى، ۋاگوندا يەنە نۇرغۇن يولۇچىلار بار، ئۇلار دەل ۋاقتىدا مەنزىلگە يېتىپ بېرىشى كېرەك، شۇڭا سىزنىڭ تەلپىڭىزنى بىز ئورۇندالمايمىز...»، دېگەندە، ئەر ئاڭلاپلا «كېسىلى» تۇتۇپ: «مەن پەقەت مۇشۇ پويىزغىلا ئۈلگۈرۈشۈم كېرەك، بېلەتنىمۇ ئېلىپ بولغان تۇرسام، ئەگەر مەن ئۈلگۈرەلمىسەم، ئىقتىسادىي زىياننى سەن تۆلەپ بېرەمسەن، ئەلەي بەلەي...گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، گەرچە ساقچى ئاچچىقتىن كۈلسىمۇ، بىراق يەنىلا ياخشى چۈشەندۈرۈشكە باشلىغان...



شۇنىڭ بىلەن نېرۋىسى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىققان ئەر يەنە: «ئۆزۈڭلار دەيدىكەنسىلەر، قىيىنچىلىق بولسا خەلق ساقچىسىنى ئىزدەڭلار، دەپ، ئەجەپ سىلەرنى ئىزدىسەم، نېمشىقا قىيىنچىلىقمنى ھەل قىلىپ بەرمەيسىلەر، سېنىڭ ساقچى نومۇرۇڭ قانچە، دېگىنە، سېنى ئەرز قىلىمەن»، دېگەن.

بۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى نەنجىڭ تۆمۈر يولىنىڭ بۇلتۇر تاپشۇرۇۋالغان 9400 تېلېفوننىڭ بىرى بولۇپ، ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئونمىڭغا يېقىنلاشقان تېلېفون ئىچىدە پەقەت 2400لا ئۈنۈملۈك ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئەھۋالى ئىكەن.

ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، خەلق ساقچىسى دېگەندەك، پويىز راستتىنلا ئاممىۋى قاتناش قورالى، ئۆزىڭىزنىلا ئويلىماي، كۆپرەك باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قايدا سەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    تازىمۇ قاملاشمىغان نىمىكەن،،،، ۋاقىتنى ئۇنداق قىستىغۇچە بالدۇرراق مىڭىشنى بىلمەمدىكىنە،،، بۇ قېتىم گىپىگە قۇشۇلغان بولسا كىيىنكى قېتىم ئايروپىلان ئىشىك ئالدىمغا كەلسۇن دىيىشتىن يانماسكەن ئۇ،،،،

  • توغراق،شاھى1 ھەپتە ئىلگىرى

    بو ئەدەمنىڭ تەلىپى ھەل قىلىش داىرسىدىن ھالقىپ كىتىپتو،پويىز ئو قانداقتور قاششاق دىخاننىڭ قاشاڭ ئىشەك ھارۋىسى ئەمەس.

  • باھادىر1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھىلغۇ 20مىنۇت ساقلاپ تۇرۇڭلا دەپتۇ پويىز قوزغىلىشتىن 3مىنۇ بۇرۇن كەلمىسە پويىزغا چىققىلى بولمايدۇ ،

  • mr.MRN1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي مەن نىمە دىيىشنى راستىنلا بىلمىدىم،ئۆزىنىڭ 20مىنۇت ۋاقتى ۋاقىت پويىزدىكى نۇرغۇنلىغان يولىچىنىڭ ۋاقتى ۋاقىت ئەمەسمىكىنە،ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ئادەمدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىمەك كىرەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号