باش بەت

خەۋەرلەر

4826يوللانما
25مەستانە

«خىزمەتداش ئەر-خوتۇنلار» ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن ساقلىنىش كېرەك

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 17:20 0 ئىنكاس چۈشتى

  ئۇلار ئامراق ئەر-خوتۇنلاردىن ئىدى. ئىككىسى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى بىللە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، خىزمىتىنى بىر شىركەتنىڭ ئوخشاش بۆلۈمىگە ئالماشتۇرۇۋالدى. لېكىن، غەلىتە بولغىنى: ئىككىسىنىڭ ھېسسىياتى تېخىمۇ يېقىنلاشماقتا يوق، ئەكسىچە پات-پات ئۇرۇشۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدى.

  ئەر-خوتۇنلار «خىزمەتداش» بولسا خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا قانداق تەسىرلىرى بولىدۇ؟

1. «خىزمەتداش ئەر-خوتۇنلار» ئاسانلا خىزمەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ چېگراسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئىككىسى ئىدارىدە خىزمەتداش، لېكىن ئەر-خوتۇنلۇق ئۆلچەم بىلەن بىر-بىرىگە مۇئامىلە قىلىشىدۇ. ئىشتىن چۈشكەندە ئەسلىي شەخسىي تۇرمۇش ۋاقتى بولسىمۇ، لېكىن ئىختىيارسىز خىزمەت مەسىلىلىرىنى سۆزلىشىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەخسىي تۇرمۇش ۋاقتى دەخلىگە ئۇچرايدۇ. بۇنداقلار ئاسانلا «خىزمەتداش دېسە خىزمەتداش ئەمەس، ئەر-خوتۇن دېسە ئەر-خوتۇن ئەمەس» تەك مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.

2. پىسخىكىدا «ئىچكى» ۋە «تاشقى» دەپ ئىككى خىل چېگرا بار. ئىچكى چېگرا دېگىنىمىز، بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆز ئوبرازىغا قانداق ماسلىشىش كېرەكلىكىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان ئىچكى سېزىم. يۇقىرىقى ئەر-خوتۇن مۇشۇ ئىچكى سېزىمنى ھېس قىلالمىغان. يەنى خىزمەت ۋاقتىدا ئۇلار خىزمەتداش، تۇرمۇشتا بولسا ئەر-خوتۇن. تۇرمۇشتىكى مۇناسىۋەتنى خىزمەتكە، خىزمەتتىكى مۇناسىۋەتنى تۇرمۇشقا تەتبىقلاشقا بولمايدۇ.

3. «خىزمەتتىكى ئەر-خوتۇنلار» مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئۇلار «بىر گەۋدە» بولالايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بىللە بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن، ئۆزئارا پىكىرلىشىدىغان ساھەسى ئىنتايىن كەڭرى، شۇڭا ئاسانلا «كەسىپتىكى ھەمراھلار، تۇرمۇشتىكى دوستلار» بولالايدۇ. پەقەت خىزمەت بىلەن تۇرمۇش چېگراسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىسا يەنىلا بەختلىك بىر جۈپلەر بولىۋېرىدۇ.

4. «خىزمەتداش ئەر-خوتۇنلار» نىڭ ماسلىشىشىغا بىر جەريان كېرەك. دەسلىپىدە ئۇلارنىڭ سوقۇشۇشى ئىنتايىن نورمال ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزئارا پىكىرلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرسا، «بىر گەۋدە» لىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلالايدۇ ھەم خىزمەتتە، ھەم تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.

  «بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/01/11/035071135.shtml

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号