نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئەقىللىق، بەزى كىشىلەر ئەقىللىق ئەمەس؟ گېرمانىيە فرانكفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، چوڭ مېڭىنىڭ ئوخشىمايدىغان رايونلىرىدىكى «ئۇلانما» بىر كىشىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار 199 ئايال ۋە 110 ئەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، چوڭ مېڭىنىڭ ئوخشىمايدىغان رايونلىرىدىكى نېرۋا تور «ئۇلانما»سى زىچ كىشىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلار ئالدىنقى مېڭە ئارىلى ۋە چوڭ مېڭە ئالدىنقى ئىزما پوستلاق قەۋىتى ئارىسىدىكى نېرۋا تور «ئۇلانما»سى قانچە كۆپ بولسا، تونۇش ئىقتىدارىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى
سەبىي3 ئاي ئىلگىرى
كۆپىنچە ئادەم ئۆزىنى ئىنتايىن ئەقىللىق، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە تەپەككۇرغا ئىگە، ئالاھىدە دەپ قارايدىكەن. مەنمۇ شۇندا ئويلايمەن ئىشقىلىپ خېلىلا ئەقىللىق ئەمما 20 گە كىرسەممۇ تېخىچە بالا مىجەز. شۇڭا باشقىلارغا ئەقىل كۆرسەتسەممۇ گىپىمگە كىرمەيدۇ ئاخىر ۋاي ئىست دىگنىڭ توغرىكەن دەيدۇ.
man0993 ئاي ئىلگىرى
ھەي قىيالار دىگەن تورداش بىز ئىككىمىز بىك ئوخشاشكەنمىز ،مەنپەئەتپەرەس ئەمەسكەنمىز
قىيالار3 ئاي ئىلگىرى
مىنىڭ مىڭەمنىڭ بىرە مىنۇت تىنىچ ئۆتكىنىنى بىلمەيمە،سۆزلىگۈچىنىڭ مەخسىدى،پوزىتسىيەسى،ياقتۇرغان ياكى ياقتۇرمايۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ تۇرىمە، بىرەر ئشنى ئاڭلىسام نەچچە خىل خۇلاسىسى مىڭەمدە ئەكىس ئىتىپ بولىدۇ، ئالدىراپ خاتالاشمايمەن.بىراق باشقىلارنىڭ مەنپەئەتنى نەۋاخ ئۆزىگە تارتىپ بولغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالىمە،مەنپەئەتكە سەزگۈرلىگىم بەك تۆۋەن،قاراپ ئۇلارنى ھەقىقەتەن ئەقىللىقكەن دەپ ياقامنى تۇتۇپ قالىمەن.ھەقىقەتەن مەنپەئەتكە كەلگەندە ئەقىللىقلار بەك كۆپ،بەزىدە ئۆزۈمنى ئانچە ئەقىللىق ئەمەسكەنمە دەپ قالىمەن.