باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11651يوللانما
956مەستانە

ئەرنىڭ دوۋساق قىسمىدا بىر كىلوگىرامچىلىك «تۆگىقۇش تۇخۇمى» پەيدا بولدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 19:13 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇاڭچېڭ رايونىدىكى 44 ياشلىق ۋاڭ ئەپەندىدە 10 يىل بۇرۇن يېنىك دەرىجىدە پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش يەنە بەزىدە سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن CTدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ دوۋساق قىسمىدا ئالاھىدە يوغان تاش بايقالغان. بۇ تاش بىمارنىڭ قورساق داس سۆڭىكىنىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇقنى توشقۇزۇۋەتكەن.

دوختۇرلار سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ ئۈسكىنە ۋە بولقىسى بىلەن تاشنى پارچىلاپ، ئۇزۇنلۇقى 15 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى بىر كىلوگىرامدەك كېلىدىغان تاشنى چىقاردى.

ئۇنداقتا قانداق ئادەملەردە ئاسانلا تاش پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟

دائىم مېنىرال ماددا تەركىبىدىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچىدىغانلار، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ھەمدە كالتسىي تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەردە ئاسانلا تاش پەيدا بولىدۇ.

دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى مېنرال ماددا ئالمىشىش نورمالسىزلىقى، مەزى بېزى يوغىناش، سۈيدۈك يولى نورمالسىزلىقى ھەمدە يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئېلېمېنتلار سۈيدۈك تەركىبىدىكى كالتسىي فوسفات، ماگنىي قاتارلىقلار دوۋساقنىڭ ئىچكى قىسمىدا چۆكمىنى شەكىللەندۈرپ، دوۋساقتا تاش بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بولۇپمۇ، ئوتتۇرا ياشلار، ياشانغانلار كۆپرەك سۇ ئىچىپ، پات-پات سىيىپ تۇرۇشى، ھەركۈندىكى سۈيدۈك مىقدارىنىڭ 2500 دىن 3000 مىللىلىتىرغىچە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بىراق قاينىتىلمىغان سۇنى ئىچىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

ئەگەر بىماردا سۈيدۈك ئاغرىش، سىيەلمەسلىك ھەمدە سۈيدۈك قان ئارىلاش كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بەلكىم دوۋساقتا تاش پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا، دەرھال مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى، ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلىنى ئۆتكۈزۋېتىشتىن ساقلىنىپ، ئېغىر نەتىجە پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ يېتەرلىك سۇ تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بىراق ئىچىملىكلەرنى سۇ ئورنىدا ئىچىشكە بولمايدۇ. ئەگەر بىئاراملىق ھېس قىلسىڭىز، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ۋاقتىدا داۋالىنىڭ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号