باش بەت

جۇشقۇنجان

3501يوللانما
4مەستانە

بازارغا سېلىنغان تۇنجى ئايدا iPhone Xنىڭ ياخشى سېتىلغانلىقى مەلۇم بولدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 21:12 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Kantar شىركىتى يېقىندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بازار ئۈلۈشىگە دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا iPhone Xنىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا يەر شارىنىڭ كۆپلىگەن بازارلىرىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، iOS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدىكى ئۈلۈشى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %3.8 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بازار ئۈلۈشى %39.8كە چۈشۈپ قالغان، ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بازار ئۈلۈشى %4 ئاشقان بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازار ئۈلۈشىنىڭ %59.4نى ئىگىلىگەن.

Kantarنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بازىرىدا iPhone Xنىڭ 11-ئايدىكى سېتىلىش مىقدارى پەقەت iPhone 8 ۋە 8 Plusتىنلا كېيىن تۇرۇپ، ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ھەمدە شۇ ئايدا سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە ئالما شىركىتىنىڭ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالما شىركىتى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا كۈچىمەيلا سامسۇڭنىڭ Galaxy S8 ،Galaxy S8 يانفونلىرىنى مەغلۇپ قىلغان، Galaxy S8 يانفونىنىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا بازىرىدىكى سېتىلىش مىقدارى ئالتىنچى ئورۇندا تۇرغان. جۇڭگو بازىرىدا iOS مەشغۇلات سىستېمىسى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، بازار ئۈلۈشى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلگە قارىغاندا %4.6 ئېشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون OS بازىرىنىڭ %24.3 نى ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاندىرويىد مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بازار ئۈلۈشى %4.6 تۆۋەنلىگەن، شۇنداقتىمۇ يەنىلا جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى بازىرىنىڭ %75.5نى ئىگىلىگەن.

Kantarنىڭ دېيىشىچە، شۇ مەزگىللەردە ئالمىنىڭ جۇڭگودىكى ئېشىشى ئاساسەن iPhone Xغا بولغان ئېھتىياجدىن كەلگەن. گەرچە ئۇنىڭ باھاسى قىممەت بولسىمۇ، ئەمما رىقابەتچى شىركەتلەر ئابۇنتلىرىنىڭ ئېھتىياجى كىشىنى ھەيران قالدۇرغان. جۇڭگونىڭ شەھەرلىرىدە خۇاۋېي، شياۋمى ۋە سامسۇڭنىڭ ئابۇنتلىرى زور تۈركۈمدە يېڭى iPhone Xنى ئىشلىتىشكە يۈزلەنگەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号