باش بەت

ئىدىقۇت887

7112يوللانما
14مەستانە

تەن چەكمىسى ئارقىلىق توردا داڭق چىقارغان بوۋاي قېچىپ يۈرگەن قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى بولۇپ چىقتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 23:07 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يامان يولدىن ئاللىقاچان قول ئۈزگەن ياپونىيەلىك قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى چارشەنبە كۈنى تايلاندتىكى كىچىك بازار لوپ بۇرى (Lop Buri) دا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 14 يىلدىن بېرى قانۇن تورىغا چۈشمەي قېچىپ يۈرگەن بۇ قارا گۇرۇھ كاتتىبېشىنىڭ ئىز-دېرىكى قانداق قىلىپ تۇيۇقسىزلا ئاشكارىلىنىپ قالدى؟ بۇنىڭغا دەل ئېنتىرنىت تورى سەۋەبچى بولغانىدى، بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.

يۇقارقى سابىق قارا گۇرۇھ كاتتىبېشىنىڭ ئىسمى شىگېخارۇ شىراي (Shigeharu Shirai) بولۇپ، بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن، بۇ قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى 2003-يىلى ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى شۇنداقلا قارا گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇن قېتىملىق قانلىق ۋەقەلەرگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.

شىگېخارۇ شىراينىڭ ئايالى تايلاندلىق بولغاچقا، ئۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىن ياپونىيەدىن تايلاندقا قېچىپ كەلگەنىدى. ئۇ ئايالى بىلەن تايلاندتا 14 يىلدىن بۇيان ئۇياق-بۇياققا مۆكۈپ يۈرۈپ كۈن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، گەرچە تايلاند ساقچىلىرى بىلەن ياپونىيە ساقچىلىرى ئىزچىل ھالدا بۇ دېلونى بىرلىكتە تەكشۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلمەي كەلگەنىدى.

يېقىندا، 74 ياشلىق شىگېخارۇ شىراي بېشىغا شىلەپە كىيىپ، ھەممە يېرى تەن چەكمىسى بىلەن قاپلانغان يېرىم يالىڭاچ بەدىنىنى كۆرسەتكەن ھالدا دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن بىللە يول بويىدا شاھمات ئوينىغان بولۇپ، تايلاندلىق بىر تورداش ئۇنىڭ تەن چەكمىسىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالغان ھەم ئۇنى سۈرەتكە تارتىپ تورغا يوللىغان، ئويلىمىغان يەردىن بۇ سۈرەت توردا ناھايىتى شىددەت بىلەن تارقىلىپ قاتتىق داڭق چىقارغان. بۇ سۈرەتنى تورغا يوللىغۇچى مۇنداق سۆز قالدۇرغان: «تاغا، سىز مېنىڭ مەبۇدەم. مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن سىزگە ئوخشاش بولالارمەنمۇ؟». ناھايىتى تېزلا، بۇ سۈرەتنىڭ توردىكى تارقىلىش قېتىم سانى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن، نەتىجىدە بۇ سۈرەتكە ساقچىلارنىڭ نەزىرى  چۈشۈپ قالغان.

 

ساقچىلار بۇ بوۋاينى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تەن چەكمىسىنىڭ قارا گۇرۇھ ئەزالىرىغا ئوخشايدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى بىر تال بارمىقىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىك ئالامىتىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قارا گۇرۇھ كاتتىبېشىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە ساقچىلىرى تايلاند ساقچىلىرىنىڭ دەرھال نىشاننى جەزىملەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان، شۇنداق قىلىپ قېچىپ يۈرگىنىگە 14 يىل بولغان بۇ قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.

شىگېخارۇ شىراي ئەينى يىلى باشقا بىر قارا گۇرۇھتىكى رىقابەتچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، دەپ شىكايەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكى 7 نەپەر قارا گۇرۇھ ئەزاسى 12 يىلدىن 17 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. تايلاند ساقچى تەرەپنىڭ باياناتچىسى ۋىراچاي سوڭمېتتا (Wirachai Songmetta) نىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر گۇماندار ئۆزىنىڭ ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھ-ياماگۇچى  قارا گۇرۇھى (Yamaguchi) نىڭ تارمىقى بولمىش قارا گۇرۇھنىڭ ئاتامانى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان  شۇنداقلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان رىقابەتچىسىنىڭ ئىلگىرى ئۆزىنى بوزەك قىلغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان.

ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، شىگېخارۇ شىراي ياپونىيىدىن تايلاندقا قېچىپ كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە، ساقچى تەرەپنىڭ ئىز قوغلاپ تۇتۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ مېھمانخانا ياكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆيىدە مۆكۈنۈپ يۈرگەن، يېنىدىكى پۇل-مېلىنى خەجلەپ تۈگەتكەندىن كېيىن باغچىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولغانىكەن. ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيەلىك بىر ئەر ھەر يىلى ئۇنى نەچچە قېتىم ئىزدەپ كەلگەن ھەم ئۇنىڭغا پۇل يەتكۈزۈپ بەرگەن. ھازىر بۇ ئەر پاسپورتى ۋە ۋىزىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، تايلاند ساقچىلىرى پات ئارىدا ئۇنى ياپونىيە تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 09951 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇ بىر دونيادىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر بولدىمۇ نىمە ئون تۆت يىلى دىگەن ئاز ۋاقىت ئەمەس

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号