باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

510يوللانما
14مەستانە

ئامېرىكىدىكى نەشە سودىگەلىرى ساراسىمىگە چۈشتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 23:20 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئامېرىكا ماسساچۇسېتس شىتاتىدىكى يەرلىك تاراتقۇ «WWLP» ئاخبارات تورىنىڭ 11-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى يېڭىدىن چىقارغان نەشە سودىسىغا ئالاقىدار بىر تۈرلۈك قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى بىر قىسىم نەشە سودىسى قىلىدىغانلارنى ساراسىمىگە سالغان. بۇ كىشىلەر فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق نەشە سودا بازىرىغا كىرىش قارارىدىن ۋاز كېچىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن.

شۇ جايدىكى كۆڭۈل ئېچىشقا ئىشلىتىدىغان نەشىنى قوللايدىغان بىر گۇرۇھنىڭ مەسئۇلى: «ھېچكىم FBI نىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ» دېدى.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ماسساچۇسېتس شىتاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز ئىشتات بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىشقا ئىشلىتىدىغان نەشىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى ماقۇللىغان، ئەمما ئامېرىكا فېدېراتسىيە قانۇنىغا ئاساسەن، كۆڭۈل ئېچىشقا ئىشلىتىدىغان نەشە يەنىلا چەكلەنگەن بويۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوباما پىرېزىدېنت بولغان مەزگىلدە بۇ سەككىز ئىشتاتتا كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن نەشە ئىشلىتىشكە قارىتا قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى كەڭرى قويۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنغان سىياسەت يۈرگۈزۈلگەن، ئەمما ئۆتكەن بىر ھەپتىدە تىرامپ ۋەزىپىگە قويغان ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جېف سېسونس (Jeff Sessions) ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى سىياسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئەڭ يېڭى سىياسەتنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى فېدېراتسىيە تەپتىش ئەمەلدارىمۇ نەشە سودىسىنى ئەيىبلەش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما 2015-يىلى ماقۇللانغان سايلىغۇچىلارنىڭ تەكلىپ لايىھەسىگە ئاساسەن، ماسساچۇسېتس ئىشتاتى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بۇ يىلدىن باشلا نەشە سېتىشنى قانۇنلاشتۇرۇشنى باشلايتتى.

ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى ئاندرېۋ لارېن تىۋېتتىر يۇمتالىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دەپ يازغان: «مەلۇم بىر تۈردىكى كىشىلەرنى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلىشىدىن خالاس قىلىشنى قارار قىلىش ئەمەلىيەتتە پارلامېنتتا ماقۇللانغان قانۇننى ئۆزگەرتىش بىلەن باراۋەر، مەن بۇنداق قىلمايمەن.».

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号