باش بەت

ئىدىقۇت887

7094يوللانما
14مەستانە

ھىندىستان ئەسكەرلىرى كوللېكتىپ «قاقاقلاپ كۈلۈش يوگاسى» مەشىق قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 00:00 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، يېڭى دېھلىدا ھەربىي پارات رېپىتىتسىيەسى قىلىۋاتقان ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يەردە ئولتۇرغان ھالدا كوللېكتىپ ھالدا «قاقاقلاپ كۈلۈش يوگاسى» مەشىق قىلغان، ئەسكەرلەر رەتلىك ھالدا تىزىلىپ ئولتۇرۇپ بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ توختىماي «قاقاقلاپ كۈلگەن».

«قاقاقلاپ كۈلۈش يوگاسى» نى 1955-يىلى ھىندىستاندىكى مەلۇم بىر دوختۇر بىمارنىڭ كېسەللىك ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان بولۇپ، يۇقارقى دوختۇر قاقاقلاپ كۈلگەندە بىمارنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، ئۇ بۇنىڭغا يەنە ھىندىستان يوگا ھەركىتىنىڭ قورساقتا نەپەس ئېلىش ۋە چوڭقۇر خىيالغا چۆمۈش قاتارلىق ھەركەتلىرىنى سىڭدۈرگەن. «قاقاقلاپ كۈلۈش يوگاسى» دا توختىماي قاقاقلاپ كۈلۈش بىر خىل تەنھەرىكەت قاتارىدا كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل يوگا مەشقىدە بىر نەچچە سېكۇنت كۈلۈپ قويۇش كۇپايە قىلماستىن ئەكسىچە 10-15 مىنۇتقىچە توختىماي قاقاقلاپ كۈلۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • @يىگانە@1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇنچە ئۇزۇن كۈلسە كۈلگىسى كېلىۋىرەمدىغاندۇ ؟؟بىر-بىرسىنىڭ كۈلگەن ھالتىگە قاراپ كۈلەمدىغاندۇ؟؟؟

  • توغراق،شاھى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشى خەۋەر ىكەن مۇشۇ باھانىدا مەنمۇ كۈلىۋالدىم.

  • ✬№⑦ゞฟãℜiŠჟoℕ1 ھەپتە ئىلگىرى

    قىززىق ئىشلار بادە بۇ جاھاندا

  • مېھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    دەلتىلەر قىلمايدىغان ئىشى يوق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号