باش بەت

يۈسۈپ كەنجىباي

232يوللانما
4مەستانە

پۇتبول دۇنياسىدىكى 2018-يىلى يېڭىلىنىش مۇمكىن بولغان رېكورتلار

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 12:25 5 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، نۇ تورى تەرجىمىسى:

191 توپ: بۇ پىزاررونىڭ گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن توپىنىڭ سانى، ئۇ 191 توپ بىلەن گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن چەتئەللىك توپچى ھېسابلىنىدۇ، بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن پىزاررو ھازىر كېلوندا توپ تېپىۋاتىدۇ، بۇ رېكورت داۋاملىق يېڭىلىنىشى مۇمكىن، ئۇ ئالدىنقى يىلى 3-ئايدىن باشلاپ توپ كىرگۈزۈپ باقمىدى. بايرېن مىيۇنخېننىڭ ھۇجۇمچىسى لېۋاندوۋىسكى ئالدىنقى قېتىم گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە بىر توپ كىرگۈزگەن ھەم ئۇنىڭ گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە ھازىرغىچە جەمئىي كىرگۈزگەن توپىنىڭ سانى 166 گە يەتكەن. 

100 نومۇر: بۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئېرىشكەن جۇغلانما نومۇر. بۇ رېكورتنى ئايرىم-ئايرىم 2012/2011-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە خانلىق مادرىد، 2013/2012-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە بارسېلونا ياراتقان. ھازىر مېسسى بىلەن سۇئارېز بۇ رېكورتنى يېڭىلاش ئۈچۈن تىرىشماقتا، بارسېلونا بۇ پەسىلنىڭ ئالدىنقى 18 ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 2.67 نومۇرغا ئېرىشتى، كېيىنكى 20 مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.55 نومۇرغا ئېرىشسە، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جۇغلانما نومۇرى 101 غا يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بارسېلونا يەنە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ ئاز توپ كەتكۈزۈش رېكورتىنى ياراتماقچى، بۇ رېكورتنى 1932/1931-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە خانلىق مادرىد ياراتقان ئىدى، شۇ پەسىلدە خانلىق مادرىد ئاران 15 توپ كەتكۈزگەن، بۇ پەسىل باشلىنىپ ھازىرغىچە بارسېلونا 7 توپ كەتكۈزگەن.


64 يىل: ۋېنگىرىيە ھۇجۇمچىسى پۇسكاس 84 توپ بىلەن ياۋروپادىكى دۆلەت كوماندىسى ئىچىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى ھېسابلىنىپ كەلمەكتە، كىم بىلسۇن، بۇ رېكورت 64 يىل ساقلىنىپ كەلگەن، كىرىستىيانو رونالدو ھازىر دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 79 توپ كىرگۈزگەن، ئۇنىڭ پۇسكاسنىڭ رېكورتىدىن ئېشىپ كېتىشىگە يەنە ئالتە توپلا قالغان، گەرچە ئۇ پۇسكاسنىڭ رېكورتىدىن ئېشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇ يەنىلا دۇنيادىكى دۆلەت كوماندىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچىغا ئايلىنالمايدۇ، دۆلەت كوماندىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى دەل ئىرانلىق دائى بولۇپ دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 109 توپ كىرگۈزگەن. بىراق كىرىستىيانو رونالدونىڭ يېقىنقى ئىككى پەسىلدىكى دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان، 2016-يىلى ئۇ پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 13 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزگەن. ئالدىنقى يىلى 11 مەيدان مۇسابىقىدە 11 توپ كىرگۈزگەن.

43 ياش 9 كۈن: 2014-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ كولومبىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە، كولومبىيە كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى موندېراگون مەيدانغا چىقىپ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ياشتا مەيدانغا چىققان توپچىغا ئايلانغان، ئۇ كامېروننىڭ توپچىسى مىرانىڭ 20 يىل ساقلاپ كەلگەن رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. بىراق بۇ رېكورت بۇ يىل يەنە بىر قېتىم بۇزۇپ تاشلىنىشى مۇمكىن، مىسىر قاپقىچىسى ئېسسام ئېل خادارى ئىلگىرى دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنىپ چىققان ئىدى، بىراق 2017-يىلى ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن سەككىز قېتىم مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئەگەر ئېسسام ئېل خادارى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىقسا، ئۇ 45 ياش بەش ئايلىق ياش بىلەن بۇ رېكورتنى يەنە بىر قېتىم بۇزۇپ تاشلايدۇ.


12 توپ: خوسې يەر تەۋرەش كۇلۇبىنىڭ 35 ياشلىق ھۇجۇمچىسى ۋوندولوۋسكى ئامېرىكا كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە يەنە 12 توپ كىرگۈزسە، ئۇ دونوۋاننىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، بۇ ئامېرىكىلىق ھۇجۇمچى 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى كەسپىي بىرلەشمىدە ئايرىم-ئايرىم 12 ۋە 13 توپ كىرگۈزدى.

توققۇز قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى: ئەگەر بۇ يىل بۇففون ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشسە، ئۇ تۇنجى بولۇپ توققۇز قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن توپچىغا ئايلىنىدۇ، ئىلگىرى روسېتتا، فېررارى، فۇرىنو قاتارلىق توپچىلارنىڭ ھەممىسى بۇففونغا ئوخشاش سەككىز قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇففون مالدىنىنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىقىش رېكورتى بىلەن تەڭلىشىپ قېلىشى مۇمكىن (647 قېتىم مەيدانغا چىققان).

بىراق ھازىر يەنە 18 ئايلانما مۇسابىقە قالدى، ئەگەر بۇففون بۇ 18 مەيداننىڭ ھەممىسىگە تولۇق چىققاندا ئاندىن مالدىنىنىڭ رېكورتى بىلەن تەڭلىشىپ قالالايدۇ.

ئۈچ نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسى، ھەر نۆۋەتتە بەش توپ: ئەگەر گېرمانىيە كوماندىسىدىكى توماس مۇللېر بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە يەنە بەش توپ كىرگۈزسە، ئۇنداقتا ئۇ تۇنجى بولۇپ ئۈچ نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەر نۆۋىتىدە بەشتىن توپ كىرگۈزگەن توپچىغا ئايلىنىدۇ، ئىلگىرى پەقەت ئىككى توپچىلا ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەر نۆۋىتىدە بەشتىن توپ كىرگۈزگەن. بۇ ئىككى توپچى بولسا، 1970-يىلى بىلەن 1978-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزگەن پېرۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپچىسى كۇبىللاس بىلەن 2002-يىلى ۋە 2006-يىلى توپ كىرگۈزگەن گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپچىسى كىلوز ئىدى.

ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيداندا 3.01 توپ: بۇ ئاستونۋېللا كوماندىسى 1931/1930-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ياراتقان رېكورت ئىدى، بىراق شۇ پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى ئاستونۋېللا بولماستىن ئەكىسچە، ئارسېنال بولغان ئىدى، ھازىرقى مانچېستېر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيداندا 2.91 توپ كىرگۈزگەن، ھازىر مانچېستېر شەھىرى قالغان 16 ئايلانما مۇسابىقىدە 51 توپ كىرگۈزسىلا بۇ 84 يىلدىن بېرى ساقلاپ كەلگەن رېكورتنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • (بايرىن—كۇررىي) مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    رونالدو دىنڭكىدىن باشقا…… ھەممىە رېكورت يېڭىلىشى مۇمكىن.…بۇ يىل ئىپادىسى بەك ناچار ئۇنىڭ……گېرمانىيىلىكلەر ھەممە ئىشنى قىلىدۇ ، زادى

  • (بەيرىن باسا )مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇللېر ساڭا ئامەت تىلەيمەن رىكۇت يارتىشىڭنى ئۇمۇت قىلمەن ،

  • شاھتار1 ھەپتە ئىلگىرى

    توماس مۇللېر يەنە بەش توپ سولامدىكى ،

  • كاپىتان ©1 ھەپتە ئىلگىرى

    گىرمانلانىڭ رىكورتى بۇزۇلدى دىسەكمۇ شۇ رىكورتنى بۇزغۇچىلا يەنىلا شۇ گىرمانلا دەيلى بومىسا ئۇ رىكورتنىڭ بۇزۇلمىقى تەس

  • توپ شاھى (رونالدو ) (مىسسى )1 ھەپتە ئىلگىرى

    رونالدۇ بىسىپ چۈشدۇ ئۇ ئىرانلىق دانى دىگەن پۇتبۇلچىنىڭ رىكورتىنى پەقەت ۋاقىت مەسلىسى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号