باش بەت

رىقابەت تەنتەربىيەسى

209يوللانما
17مەستانە

ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ: بارسېلونا 0:5 سېلتا

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 10:04 141 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر ۋاقتى 4:30 دە ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى كېيىنكى ئۇچرىشىشتىكى بىر مەيدان مۇسابىقە بارسېلونا ساھىبخان مەيدانى نوكەمپو پۇتبول مەيدانىدا بارسېلونا بىلەن سېلتا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

ئالدىنقى ئۇچرىشىشتا سېلتا ساھىبخان مەيدانىدا ئىككى تەرەپ 1-1 نەتىجىدە تەڭلەشكەنىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى ئىككى توپ كىرگۈزۈپ بىر قېتىم ياردەمچى پاس چىقاردى، ئالبا بولسا بىر توپ كىرگۈزۈپ ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس چىقاردى، سۇئارېز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ نومۇر پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتتى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا راكىتىچ كاللا توپ كىرگۈزدى، شۇنداق قىلىپ بارسېلونا ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا 1:6 ئومۇمى نەتىجە بىلەن شاھلىق لوڭقىسى سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا ئوڭۇشلۇق ھالدا قەدەم قويدى.

مۇسابىقىنىڭ 9-مىنۇتىدا بارسېلونا تەرەپتىن مېسسى قاپقىدىن 23 مىتىر يىراق ئارىلىقتىن توپنى قاپقىغا تەپتى، ئۇ توپ سېلتا قاپقىچىسى تەرىپىدىن توسىۋېلىندى.

مۇسابىقىنىڭ 12-مىنۇتىدا بارسېلونا تەرەپتىن ئىنېستا توپنى سول يولغا يۆتكىدى، ئالبا توپنى ئېلىپ ئوتتۇرىغا پاسلىدى، مېسسى تىزلىكتە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، بارسېلونا ۋاقتىنچە 1-0 ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى.

2 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بارسېلونا تەرەپ ھۇجۇم قوزغىدى، مېسسى توپنى سول يولدىكى ئالباغا بۆلۈپ بەردى، ئالبا تىزلىكتە توپنى چەكلەنگەن رايون ئىچىگە پاسلىدى، مېسسى توپنى ناھايىتى چىرايلىق تېپىپ قاپقىغا كىرگۈزدى، بارسېلونا ۋاقتىنچە 2-0 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى.

مۇسابىقىنىڭ 21-مىنۇتىدا بارسېلونا ھۇجۇم قوزغىدى، نەچچە قېتىملىق پاسلىشىش ۋە تالىشىشلار ئارقىلىق ئىنېستا قاپقىغا تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ توپنى قاپقىغا تەپتى، ئەپسۇس توپ قاپقا ئۈستى لىمىن ئازراقلا ئۆرلەپ كېتىپ قالدى.

مۇسابىقىنىڭ 27-مىنۇتىدا مېسسى ئالدىغا ئۆرلىتىپ تپپ تاشلىدى، ئالبا تىزلىكتە توپنىڭ يېنىغا بېرىپ توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، بارسېلونا تەرەپ ۋاقتىنچە 3-0 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى.

مۇسابىقىنىڭ 30-مىنۇتىدا قارشى تەرەپ مۇداپىئە سېپىدە سەۋەنلىك كۆرۈلدى، سۇئارېز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ھەمدە نەتىجىنى 4-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى.

مۇسابىقىنىڭ 58-مىنۇتىدا مېسسى مەيداندىن چۈشىرۋېلىندى، مېسسىنىڭ ئورنىغا دېمبېلې مەيدانغا چىقتى، 61-مىنۇتىدا ئىنېستانىڭ ئورنىغا ئارنايىز ئالماشتۇرۇلدى. مۇسابىقىنىڭ 64-مىنۇتىدا سېلتا تەرەپ ياخشى بىر پۇرسەتكە ئېرىشتى، ماكسى گومېز قاپقىچى بىلەن يەكمۇ-يەك قالدى، ئۇ توپنى قاپقىغا تەپكۈچە بارسېلونا بېكى سېمېدو ئارقىدىن قوغلاپ يېتىشىۋېلىپ توپنى تارتىۋېلىپ قاپقىچىغا قايتۇرۇپ بەردى.

مۇسابىقىنىڭ 71-مىنۇتىدا ئارنايىز تەپكەن توپ قاپقا يان تورىغا تەگدى.

مۇسابىقىنىڭ 87-مىنۇتىدا نەتىجە يەنە ئۆزگەردى، بارسېلونا بۇلۇڭ توپ باشلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، دېمبېلې توپنى بىۋاستە چەكلەنگەن رايون ئىچىگە كۆتۈردى، راكىتىچ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ توپنى ئۈسسۈپ كىرگۈزدى، نەتىجە 5-0 بولۇپ ئۆزگەردى، مۇسابىقە ئاياغلاشتى، نەتىجىدە بارسېلونا ئومۇمى 6-1 نەتىجە بىلەن شاھلىق لوڭقىسى كېيىنكى باسقۇچىغا ئوڭۇشلۇق ھالدا قەدەم قويدى.

مۇسابىقە سانلىق مەلۇماتلىرى 

باش سۈرەت تاللاش x
  • spalding3 ئاي ئىلگىرى

    دوسلار ئاغىينىلەر ھەمىمىزنىڭ ئۆزمىز ياخشى كۆرگەن توپچىمىز كوماندىلىرىمىز بۇلدۇ ،بۇ نورمال ئىش لىكىن ئەخلاقتىن چىقىپ كەتمىگەن ئاساستا مونازىرلەشسەك ،مەنچە رونالدو بولسۇن مىسسى بولسۇن بىزنىڭ بۇنداق قالاق مىجەزىمىزنى ياقتۇرمايدۇ ،مەنچە ھىچقايسىمىزنىڭ بۇنداق داڭلىق كۇلۇپلانى ھاقارەتلەپ باھا بەرگۈدەك سالاھىيتىمىز يوق

  • بارىسلونا !!!3 ئاي ئىلگىرى

    balag بەك ئىسىلكەنسە crr7 دىگەن تۈز گەپ قىلە غۇلجىلىقنىڭ يۈزىنى تۆكمەي ئىشتىنىڭغا پاتماي قالغان بولساڭمۇ !!!

  • RRCR7RR3 ئاي ئىلگىرى

    ما ئەلشىر دىگەن كاللىسىنىڭ سۈيى با نىمىكە نەلىك بالا سەن غۇلجىغا كىلە 4چى دۇختۇرخانىغا ئەكىرىپ قۇياي

  • 伊犁的 Balag3 ئاي ئىلگىرى

    ئەلىشىر دىگەن قېرىندىشىم بىز چۆپچى ئەمەس پەقەت پۇتبولغا قىزىققانلىقىزدىن يۈركىمىزنىڭ بىر يېرىدىن شۇنداق ئوت يىلىنجىغانلىقىدىن مەستانە بولغان، سىزچە مادرىتقا مەستانە بولغان ئادەم چۆپچىكەندە سىزنىڭ نۇرغۇن ئىنكاسلىرىڭىزنى ئوقۇدۇم ھەممىسىدە بىر نەشتىرىڭىزنى سانجىپ گىپ قىپسىز، بىلىپ قېلىڭ بىر كۈنلىرى ئايلىنىپ بەخىت قۇشى مادرىتقا قونسا سىز تىللىغان شۇ چۆپچىلە سىزنى كېسەل قىپ قويمىسۇن شۇڭا ئېغىزىڭىزنى چايقاپ گەپ قىلىڭ كىم دىگەن بولسا ئاتاپ تۇرۇپ دەڭ ھەممىزنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان ھوقۇقنى چوڭ دادىڭىز بەرمىگەندۇ سىزگە،،، ئاخىردا ھەممىمىزگە ئىناقلىق تىلەيمەن مىنى قوللىغان بارلىق ئېسىل مەستانىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن

  • L.MESSI 丶3 ئاي ئىلگىرى

    بارسېلونا ياماندە ئېسىل يارايسىلەر ئەزمەتلەر يېرىم كىچىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۆرگىنىمگە چۇشلۇق ئىش بولدى،،

  • ئەلشىر3 ئاي ئىلگىرى

    RRCR7RR دېگەن كالىنىڭ بۇرنى مازدەك گەپقىلما. سېلتا ئاۋۇ ئالدىنقى پەسىل مادرىتنى شاللىغان كوماندا ئاشۇ . شۇ چاغدېمۇ رونالدو دېگەن قېين ئاكاڭ مىسسىدەك توپ سېلىپ كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتۈپ كەتسە بولمامتى . ماز خوشاڭلىقىڭ مۇشۇ يەردىن چېقىدۇ سەن لاتا گۇينىڭ مادرىتنىڭ ناچار ئىنكاس يازېدىغان چۆپچىلىرى ھەممىسى ساڭا ئوخشاش ئاقماس گەپنى جېق قىلىدېغانلا.

  • سەرالىق3 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ RRCR7RRدىگەن لاۋزا سەن دىگەن ئ‍اجىز كوماندىلانىڭ ئ‍ىچىدە مادرىتمۇ با ئ‍وخشىمامدۇ بەك لاۋزا بىرمىكەنسە ھېي مادرىت مەستانىلىرنىڭ يۈزنى تۆكمەي ئ‍ۇخلىرە ماڭە شۇم

  • RRCR7RR3 ئاي ئىلگىرى

    مسسى ئادەتتىكى كۇماندىلار بىلەن ئۇچىراشقاندا ئىنتايىن تىرىشىپ سان سىىفىرىنى ئاشۇرۇشدىكەن ئىپادىسىمۇ قالتىس بۇلىدىكەن مسسى بىلەن س رۇنالدۇنىڭ پەرىقىنى ئاخشامقى مۇسابىقىدە بىلدىم 2كىسىنى سىلىشتۇرۇش ئەخمەخنىڭ ئششىكەن

  • مىسسى لىيۇنىل3 ئاي ئىلگىرى

    مىسسى كىيىنكى مەيداندا ئالماشقاشقا توپمۇ ئاز كىرىپتۇ ، بولمىغان بولسا مىسسى يەنە ئىككى ئۈچنى سولايتىكەن، ئوسمانجان ياخشى پۇرسەتلەرنى ياراتتى

  • مەجنۇنتال1873 ئاي ئىلگىرى

    ئىشىم بىلەن بولۇپ بارسىلونا مەستانىلىرىنى تەبرىكلەيدىغانغا ۋاقىت چىقىرالمىدىم،مۇبارەك بولسۇن،ئەمما ئاخشام بارسېلونا ھەقىقەتەن ياخشى ئوينىدى،بىزنىڭ مادرىد قان تولۇقلىمىسا ياكى تاكتىكا ئۆزگەرتمەي مۇشۇنداق ئويناۋەسە كىلەر قىتىم بارسېلوناغا يەنە ئۇتتۇردۇ،،پېقىر مادرىد مەستانىسى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号