باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

نىمكەش ماللار بازىرىدىكى «بالا سودىسى»: باھاسى 100 مىڭ يۈەن

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 11:30 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاتا-ئانىلار دائىم كەپسىز بالىلىرىغا چاقچاق قىلىپ: «سېنى بىر جىڭ كېپەككە سېتىۋالغان»، «سېنى يانفونغا سۆزلىشىش ھەققى قاچىلىغاندا سوۋغا قىلغان»، «گەپ ئاڭلىمىساڭ سېتىۋېتىمەن» دەپ قورقۇتۇپ قويىدۇ. بىراق، كىم ئويلىغان دەيسىز، بىرەيلەن بالىسىنى نىمكەش ماللار بازىرىدا ساتماقچى بولدى، يەنە تېخى 100 مىڭ يۈەن دەپ باھا چاپلاپ قويدى.

1-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋېنجۇ ساقچىلىرى تورداشلارنىڭ مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ۋېنجۇدىكى بىر تورداشنىڭ «شيەنيۈ APP»تە يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىنى سېتىش ئۇچۇرى چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئارقىدىن، ئۇلار ئەپنى كۆرۈپ 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى بىر تورداشنىڭ ھەقىقەتەن «بوۋاق سېتىش» ئۇچۇرى چىقارغانلىقىنى بايقىدى: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق، گەپ ئاڭلايدۇ، ياۋاش، ئىش ئۇقىدۇ، باھاسى 100 مىڭ يۈەن. بۇ ئايال تېخى مەزمۇنغا قوشۇپ يەنە بىر سۈرەتمۇ يوللىغانىدى.

بالىنىڭ ئۇچىسىدا سېرىق كىيىم بار بولۇپ، بېشىنى يانچە قىلىپ تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. بىراق، بۇ ئانا ئۆز بوۋىقىنى «رەھىمسىزلەرچە سېتىۋەتمەكچى» بولدى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق «بالا سېتىش ئۇچۇرى» چىقارغان تورداشنىڭ ۋېنجۇ رۈيئەنلىك شيا xx ئىكەنلىكى، رۈيئەن شەھىرى شيەنجياڭ يولىدا تۇرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. شۇنىڭ بىلەن 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەندە شيەنفېڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى دەرھال شيا xxنىڭ ئۆيىگە باردى. شيا xx دەسلەپتە ساقچىلارنى كۆرۈپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىدى، توردا بوۋاق سېتىش ئۇچۇرى چىقارغانلىقى تىلغا ئېلىنغاندا ئاندىن ئېسىگە كېلىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتى.

شيا xx ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ يېڭىلا ئانا بولغانلىقى، ئوغلى تۇغۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن توردا بوۋاق سېتىش ئۇچۇرى چىقىرىپ قىزىقچىلىق قىلماقچى بولغانلىقى، بوۋىقىنى راستىنلا سېتىش نىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. شيا xx يەنە چۈشەندۈرۈپ: «ئۇنىڭغا ئامراقلىقمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان تۇرسام نېمىشقا ساتىدىكەنمەن؟ ئۇنىڭ ئوماقلىقىغا ئىچىم كۆيگەنلىكى ھەم بەكلا خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىمنى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولدۇم» دېدى.

ساقچىلار بۇ ئانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىر تۇرۇپ كۈلگۈسى كەلسە، بىر تۇرۇپ ئاچچىقى كەلدى، ئۇنىڭ بوۋىقىنى راستىنلا سېتىش نىيىتى يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن توردا قىلغان بىمەنە چاقچىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئاخىرىدا شيا xx قىلمىشىنىڭ كىشىلەرگە خاتا تەسىر بېرىپ قويغانلىقنى ھېس قىلىپ تورغا چىقارغان ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋەتتى.

ساقچىلارنىڭ ئەسكەرتىشى:

«جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 240-ماددىسىدا «ئاياللارنى، بالىلارنى ئالداپ ساتقانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى ياكى مۇدەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، مال-مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلار قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ئۇچۇر يوللىماسلىقى كېرەك. بولمىسا قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • خوشخۇي ئەپەندىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ بالامنى ساتىمەن، بىر تىرلىيۇن يۈەنگە.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号