باش بەت

نۇسرەتگۈل

8957يوللانما
149مەستانە

ئەنگىلىيەدىكى قاتتىق بوراندىن كېيىن بىرەيلەننىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئۆي «ياغدى»

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 11:38 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن ئادرىيان كىرەۋفورد ئەنگىلىيەنىڭ چېسشىر ۋىلايىتى ئېللېسمېر پورتىدا تۇرىدىغان بولۇپ كۈنلىرىنى تىنچ ۋە خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. بىراق، بوران«ئېرنىنو» ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز بىر «خۇشاللىق» ئاتا قىلدى. ئېرنىنو ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئادرىيان ئارقا ھويلىسىدا بىر ئۆي كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

10-يانۋار ئادرىيان بوران ئاجىزلاشقان پۇرسەتتە ئەرمەك ئىتى بىڭلېينى ئېلىپ سەيلە قىلغىلى چىقتى ھەم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئارقا ھويلىسىدا بىر قۇرۇلۇش كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. بۇ بىر مېتالدىن ياسالغان ئۆي بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2.7 مېتىر كېلەتتى، ئالتە ئاي ئىلگىرى ئادرىيان قوشنىسى جونغا ياردەملىشىپ ياسىشىپ بەرگەنىدى.

ئادرىيان بۇنىڭدىن ھەم ئەپسۇسلاندى ھەم خۇشال بولدى. ئەپسۇسلىنىشىدىكى سەۋەب ئۇ بۇ جەرياننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلمىگەنىدى؛ خۇشاللىنارلىقى بۇ ئىش ئۇ ئەرمەك ئىتى بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەندە يۈز بەرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆي ئىگىسى جونمۇ بۇ سىرلىق ئىشتىن قاتتىق ھەيران قالدى، بوراندىن كېيىن گەرچە نۇرغۇن نەرسە ئۇچۇرۇپ كېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر ئۆينىڭمۇ ئۇچۇرۇپ كېتىلگەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەي قالدى.

«ئېرنىنو» 1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنگىلىيەگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى تەخمىنەن 160 كىلومېتىرغا يەتكەن، ئەنگىلىيەنىڭ كۆپ قسىم شەھەرلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号