باش بەت

zevmret

902يوللانما
36مەستانە

ئاسماندىن چۈشكەن زور «مەخلۇق» بىر ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى تېشىۋەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 14:00 8 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«بالا-قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت-قولىنى ساڭگىلىتىپ». يېقىندا بىر ياشانغان خانىم ئۆيىدە ئولتۇرغىنىدا، ئاسماندىن چۈشكەن غايەت زور جىسىم ئۆگزىسىنى تېشىۋەتتى، ياشانغان خانىم دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى، ساقچىلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆگزىنى تېشىۋەتكەن غايەت زور جىسىمنىڭ سېرىق رەڭلىك مۇز پارچىسى ئىكەنلىكىنى بايقىدى، لېكىن ھازىرغىچە ھېچكىممۇ بۇ مۇز پارچىسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدى.

ئامېرىكىلىق Scarpulla دەل مۇشۇ نەس باسقان ياشانغان خانىم ئىدى، بەختكە يارىشا پۈتكۈل ۋەقە جەريانىدا بۇ غايەت زور مۇز پارچىلىرى ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغانىدى، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان Scarpullaنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇ كۈنى ئۆيىدە ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىزلا ئۆگزىدىن قۇلاقنى يارغۇدەك زور ئاۋاز ئاڭلاندى.

ئاۋازدىن كېيىن Scarpulla دەرھال ئۆيىنى بىرەرقۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۆگزىسىدە بىر تۆشۈك ئېچىلىپ قالغانلىقىنى بايقىدى، بۇ ئىش Scarpullaنى ئىنتايىن گاڭگىرىتىپ قويدى، ئۇ بۇ مۇزلارنىڭ زادى نەدىن كەلگەنلىكىنى پەقەتلا بىلەلمەي قالدى.

Scarpulla يەردىكى مۇز پارچىلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇپ بېقىپ بايقىدىكى، بۇ مۇز پارچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.5-1.8 مېتىرغىچە كېلەتتى، ئۇ بۇ مۇز پارچىلىرىنى توڭلاتقۇدا ساقلاپ، ساقچىلار كەلگەندە تەكشۈرتمەكچى بولدى.

ھازىر، ساقچى دائىرلىرى مۇز پارچىلىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرمەكتە، تەپسىلىي ئەھۋالى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېنىقلانماقتا، سۈرەتتىكىسى دەل ئۆگزىنى تېشىۋەتكەن سېرىق رەڭلىك مۇز بولۇپ، دەسلەپتە كۆپچىلىك بۇنى ئايروپىلاندىن چۈشۈپ قالغان مۇز بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمانلاندى، لېكىن بۇ خىل گۇمان ئاخىرىدا يەنىلا نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • sawr3 ئاي ئىلگىرى

    تاشقى پىلانىت ئادىمى ئەسلى مۇزغا ئوخشايدىكەندە

  • ئامرىقىم 33 ئاي ئىلگىرى

    ئىشقىلپ ئامرىكىغىلا چۈشىدۇ مۇشۇنداق نەرسىلە تازىمۇ غەلىتە

  • رونالدو مەستانىسى3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇچقىچى بىر بىلەت كەتتى سىزگە ھا ھا ھا ھا ھا (سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

  • 11111111113 ئاي ئىلگىرى

    ئايرۇپىلاننىڭ پۇق سۇيدىكى مۇ تاڭ

  • بەخىتم سەن 3 ئاي ئىلگىرى

    قىنى ئۇمەخلۇق مۇزنى مەخلۇق دەپ ئاجايىپ بىر ئىشتە بۇ

  • مۇرادىل3 ئاي ئىلگىرى

    رىكوت ياراتقان مۆلدۈر كەندە بۇ ھى ھى ھى

  • ئ‍ۇچقۇچى3 ئاي ئىلگىرى

    ئ‍ايىرۇپىلاندىن چۇشكەن گەندە ئىكەن ، تەكشۈرۈشنڭ ئ‍ورنى يوق

  • .............3 ئاي ئىلگىرى

    شۇ ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ سۈيدۈكى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号