باش بەت

نۇسرەتگۈل

10527يوللانما
187مەستانە

بىر ئەر 166 يۈەنگە بىر مىليارد 900 مىليون يۈەننىڭ چېكىنى ياسىتىپ پۇل ئالغىلى كەلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 22:04 16 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىرەيلەن يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھىرى يىمېن ناھىيەسىدىكى قۇرۇلۇش تارماق بانكىسىغا بىر مىليارد 900 مىليون يۈەننىڭ قەرەللىك ئامانەت تالونىنى ئېلىپ كېلىپ، پۇلىنى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامانەت پۇلنىڭ سوممىسىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى بايقىغاندىن كېيىن بانكا خادىمى بىردەمگىچە تۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ بانكىدا ئىشلەپ ھازىرغىچە بۇنچە كۆپ پۇلى بار ئادەمنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى. ئۇ رازۋېدچىكلارغا خاس سەزگۈرلۈك ۋە كەسپىي ئىقتىدارىغا ئاساسەن بۇ ئىشتا بىر سىر بارلىقىنى ھېس قىلىپ بىر خىزمەتدىشىنى ئۆزى ئۇچرىغان «سىرلىق دەقىقىلەر»گە گۇۋاھ قىلماقچى بولدى. ئۇلار تەكشۈرمىگەن بولسا تالوندىكى ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىسىنىڭ يالغاندىن ياسالغانلىقىنى بىلمەي قالاركەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەنە بانكا سىستېمىسىدىمۇ بۇنداق ئۇچۇر يوقلىقىنى بايقىدى. بۇ كۈپكۈندۈزدە ئۆزىگە بىر مۇنچە كامېرا توغرىلاقلىق تۇرسىمۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن قىلىنغان بۇلاڭچىلىق ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن بانكا خادىملىرى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى!

كۆك چاپانلىق ئەر نەق مەيداندا قولغا چۈشكەندىن كېيىن قىلمىشىغا ئىقرار بولۇپ: «مەن سېتىۋالغان بۇ ساختا ئامانەت تالونى ئارقىلىق بانكىدىن نەق پۇل ئالماقچى ئىدىم» دېدى. 

تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئەرنىڭ جى فامىلىلىك ئىكەنلىكى، يۈشى شەھىرى يىمېن ناھىيەسى ليۇجيې كوچىسىدا تۇرىدىغانلىقى، يېقىندا بىر ئىشتىن بېشى قېتىپ مۇشۇ ئامالنى تاپقانلىقى ئېنىقلاندى. ئۇ: «ئۆي سېلىپ قەرز بولۇپ قالدىم، قەرز ئىگىسى بەك سۈيلەپ كەتكەچكە مۇشۇ ئامالنى ئويلاپ تاپتىم» دېدى، ئۇ ئۆزىنىڭ «بېيىش ئامالى»نى بىراقلا تاپشۇرۇۋەتتى. 

ئەسلىدە جى xx ئىلگىرى بىر تور ئادرېسى بار نامەلۇم قىسقا ئۇچۇردىن بىرنى تاپشۇرۇۋالغان، چەك ياسايدىغان ئادەم بىلەن مۇشۇ تور بېكەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ئۈندىدار ئىككىلىك كودىنى سايىلەش ئارقىلىق قارشى تەرەپكە 166 يۈەن بەرگەن، ئاخىرىدا مۇشۇنداق غايەت زور سوممىلىق چەكنى قولغا چۈشۈرگەنىدى.

بىراق، ئالدامچىلىق قىلغانلار ھامان تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. نۆۋەتتە، جى xx پۇل مۇئامىلە دوكۇمېنتى ئالدامچىلىقى بىلەن ج خ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن بولۇپ، دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • w****z3 ئاي ئىلگىرى

    نىمىنى چانمايدۇ ئاۋۇ تالۇننى كۆرسەتكەن بىلەن بانكا شۇ ئادەمنىڭ يىساباتىنى تەكشۈرۈپ ئاندىن چىقىرىپ بىرە ئۇ پۇلنى نەدىمۇ ئۇندا ئاسان ئىشبا

  • ئېچىلجان3 ئاي ئىلگىرى

    شۇنى دەيمە شۇنداقمۇ كۆپ يېزىۋالامدۇ

  • abduwali2233883 ئاي ئىلگىرى

    شۇ بىرە يۈزمىڭ يېزىپ باقمامدۇ ئاۋال

  • hiyal5203 ئاي ئىلگىرى

    كاللىسى بەك ئىشلەپ ئۆتەپ كىتىپتۇ ئازراق يازسىمۇ بولدىغان

  • ئەلى.3 ئاي ئىلگىرى

    توردىن چىقمىسا بەمەيدۇ بەرى بىر

  • جەلىپكارقارقاش3 ئاي ئىلگىرى

    قىپقىزىل ساراڭ كەنغۇ بۇ ئادەتتە بانكىغا پۇل ئامانەت قويغاندا تالۇننىڭ بىر نۇسقىسى بانكا تور ئامبىرىدا ساقلىنىپ قالىدۇ بۇخىل ئۇسۇل بىلەن بانكىدىن بىركوچەن ئالغىلى بولماتتى ئەمەسما

  • 180******413 ئاي ئىلگىرى

    بىر مىليۇن ئەمەس بەش يۈز كويلۇق پۇل ئالسىڭىزمۇ تەكشۈرۈپ بىرىدۇ چەكنى ئىلىپ بارسىڭىزلا پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويمايدۇ

  • فىروزە3 ئاي ئىلگىرى

    ھازىر قايسى زامان،پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ سېستىمىسى بەك مۇكەممەل،ھەرقانچە ئاز يازغان بىلەنمۇ سېستمىدا ئامانەت ئۇچۇرى بولمىسا بەرىبىر بىرپۇڭ ئالالمايدۇ،پۇل مۇئامىلە خاككىرى بولسا تاڭ،تازابىر قارا قورساق بىرنىمە ئوخشايدۇ

  • 帅哥-8873 ئاي ئىلگىرى

    بىرەر مىليون بولغان بولسا بېرىۋىتەكەنتۇق مۇ نېمە ...!؟

  • بەختىم ئۇچۇن3 ئاي ئىلگىرى

    1000 يۇۋەن بۇلسىمۇ چىنىپ قالدۇ كاللىسى ئىشلمەيدىغان نىمكەن بۇ بانكا دىگەندە مۇكەممەل كۇمپيۇتېر سىستىمسى بۇلدۇ ،،،ساختا چەكنى ئاپارغانغا پۇل بىردىغان ئىش يۇق ،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号