باش بەت

zevmret

274يوللانما
15مەستانە

ئالپىس تېغىدا 6 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇز تام شەكىللەندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 12:34 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فرانسىيە ئالپىس تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى Beauvoir بولسا ئاركې رايونىنىڭ مەشھۇر قار تېيىلىش ئورنى، ھەر يىلى قىش مەۋسۇملىرىدا نۇرغۇنلىغان ھەر ئەل ساياھەتچىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى، لېكىن يېقىنقى ئەھۋال تازا دېگەندەك ياخشى ئەمەس، بۇ يەردىكى قار يېغىش مىقدارى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى رېكورتنى بۇزۇۋەتتى، ئالاقىدار ئورۇنلار ئامالسىزلىقتىن توپا تۈرتۈش ماشىنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ قار تازىلاشقا مەجبۇر بولدى، شۇنىڭ بىلەن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئاجايىپ مەنزىرە شەكىللەندى: ئېگىزلىكى 20 فۇت (تەخمىنەن 6.1 مېتىر) بولغان قار-مۇز تېغى شەكىللەندى.

8-يانۋار كەچتە، تۇيۇقسىز كۆچكەن قار بېسان رايونىنى قارغا كۆمۈۋەتتى، Beauvoir غا تۇتاشقان ئاركې رايونىدىكى يول ئۈستىدىكى يىغىندا قار 30 فۇت (تەخمىنەن 9.1 مېتىر) مېتىرغا يېتىپ، قاتناش توسۇلۇپ قالدى. قاتناش مۇھىم تۈگۈنلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلار توپا تۈرتۈش ماشىنىلىرىنى ئىشقا سالدى، 10-يانۋار كۈنى قار تازىلاش مەشغۇلاتى باشلىنىپ كەتتى.

توپا تۈرتۈش ماشىنىلىرى تەرىپىدىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە دۆۋىلەنگەن قار توپا تۈرتۈش ماشىنىسىدىنمۇ ئېگىز بولۇپ كەتتى، ماشىنىلار بەئەينى مۇز تونېلدىن ئۆتكەندەك ماڭاتتى.

ئېگىزلىكتىكى ساۋوي رايونىدا 36 سائەت قار يېغىپ، يىغىندى قارنىڭ ئېگىزلىكى 1.8 مېتىرغا يەتتى، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلاتتى، يەرلىك مەمۇرلار قار كۆچۈشتىن ئاگاھلىنىش قىزىل رەڭلىك سېگنالىنى ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىمكانقەدەر سىرتقا چىقماسلىقىنى ئەسكەرتتى.

تىگنېس رايونىدىكى 39 ياشلىق قار تېيىلغۇچى ئالدىنقى ھەپتە قار تېيىلىشقا چىقىپ كېتىپ، ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانىدى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى تا ھازىرغىچە ئىزدەۋاتىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئىزدەش دائىرىسىنى يەنە داۋاملىق ھالدا كېڭەيتمەكتە.

يىغىندى قار سەۋەبلىك قاتنىشى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان شىۋېيتسارىيە زېرمات قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ پويىز قاتنىشى ھازىر ئەسلىگە كېلىپ بولدى، ئارامگاھقا قامىلىپ قالغان 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىلەرمۇ ئۆيىگە قايتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号