باش بەت

ئادىلجان

8590يوللانما
123مەستانە

تېڭشۈن چەتئەلدە بەش مىليارد دوللارلىق زايوم تارقاتتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 13:23 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 12-نويابىرد خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تېڭشۈن دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشىپ، چەتئەلدە بەش مىليارد دوللارلىق زايوم تارقاتقان. بۇ تېڭشۈن تارقاتقان ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى دوللار زايومى، شۇنداقلا 2015-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تارقاتقان زايوم بولۇپ، سىرتقى ساھەدىكىلەرگە ئەلى بابا تارقاتقان زايومنى ئەسلەتتى. 

بۇ قېتىم تارقىتىلغان زايومنىڭ قەرەلى بەش يىل، 10 يىل ۋە 20 يىللىق بولۇپ، مۇقىم قەرەللىك ئۆسۈم نىسبىتى 65 ئاساس نۇقتا، 105 ئاساس نۇقتا ۋە 105 ئاساس نۇقتا بولۇپ، بىردەك ئامېرىكا زايومىنىڭ مۇقىم ئۆسۈم نىسبىتىدىن يۇقىرى، سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئەڭ دەسلەپكى يېتەكچى باھاسى 95 ئاساس نۇقتا، 130 ئاساس نۇقتا ۋە 135 ئاساس نۇقتا. بىلۇمبېرگ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىركەت يەنە ئۈچ ئايلىق قەرەلدە لوندون بانكىسىنىڭ ئوخشاش كەسپىدىكى 60.5 ئاساس نۇقتىلىق تۇراقسىز ئۆسۈم نىسبىتىدىن يۇقىرى باھادا بەش يىللىق قەرەلدىكى ۋېكسېل ھۆججەتلەرنى سېتىشقا باشلىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号