باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

دەپنە شىركىتىنىڭ غوجايىنى مېيىتنىڭ ئالتۇن چىشىنى يۇلۇۋىلىپ سېتىۋەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 13:19 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى مەلۇم دەپنە شىركىتىنىڭ ئىگىسىنى  سابىق خىزمەتچىسى دەپنە شىركىتىدىكى مېيىتنىڭ ئالتۇن چىشىنى يۇلۇۋىلىپ، ئالتۇن چىشنى ساتقان پۇلغا پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنى دېسنىي باغچىسىغا ئويناتقىلى ئاپارغان دەپ ئەرز قىلغان  بولۇپ، ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ شىكايەتكە قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

ئامېرىكا كولورادو شىتاتى مونتروس (Montrose) تا مەلۇم دەپنە شىركىتى بار بولۇپ، بۇ دەپنە شىركىتى مېيىتنىڭ ئەزالىرىنىمۇ ساتىدىكەن. بۇ دەپنە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى كېير ئېسچېر  (Keri Escher) نىڭ «رېيتېرس ئاگېنتلىقى» غا ئۆزىنىڭ سابىق غوجايىنى مېگان خېس  (Megan Hess) بىلەن ئاپىسى شېرلىي كوچ (Shirley Koch) نىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ئۆزىنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. شېرلىي كوچ بۇ دەپنە شىركىتىگە ئېلىپ كېلىنگەن مېيىتلارنى چىرىشتىن ساقلاش ۋە جەسەت پارچىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەن.

ئېسچېر ئىلگىرى بۇ دەپنە شىركىتىگە ئېلىپ كېلىنگەن مېيىتلارنى ئوتتا كۆيدۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شېرلىي كوچ دەپنە شىركىتىگە ئېلىپ كېلىنگەن مېيىتنىڭ ئالتۇن چىشىنى يۇلۇپ ئېلىپ ئالتۇنىنى ئايرىپ ئالغاندىن كېيىن سېتىۋەتكەنىكەن. ئېسچېر مۇنداق دېگەن:«مەلۇم بىر كۈنى، كوچ ماڭا ئۆزى يىغىۋالغان ئالتۇن چىشلارنى كۆرسەتتى. ئۇ بىر يىل ئىلگىرى مېيىتنىڭ ئاغزىدىن يۇلۇپ ئېلىۋالغان بىر تۈركۈم ئالتۇن چىشنى سېتىۋەتكەن ھەم بۇ پۇللارغا پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنى ئېلىپ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى دېسنىي باغچىسىغا ئويناتقىلى ئاپارغانىدى». نۆۋەتتە ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ ئىشقا قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرەپ مەزكۇر دەپنە شىركىتىنىڭ غوجايىنى خېس ۋە شىركەتنىڭ 4 نەپەر سابىق خىزمەتچىسىدىن شىركەت تەرەپنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سوراپ ئەھۋال ئىگەللىگەن. خېس بۇ دەپنە شىركىتىنى 2006-يىلى قۇرغان بولۇپ، ئۇ يەنە مەلۇم ئەزا تەقدىم قىلىش ئورگىنىنىڭ غوجايىنى ئىكەن، ئۇنىڭ يەنە مېيىت كۆيدۈرۈش مەيدانىمۇ بار ئىكەن. بۇ كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىش زادى ئەخلاققا ئۇيغۇن كېلەمدۇ يوق دېگەن مەسىلە ھەققىدىكى گۇمانىنى قوزغىغان.

ئىلگىرى مەزكۇر دەپنە شىركىتىدە ئىشلىگەن بەزى سابىق خىزمەتچىلەرنىڭ «رېيتېرس ئاگېنتلىقى»غا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار ئەزەلدىن غوجايىنى خېسنىڭ ۋاپات تاپقۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەقدىم قىلىنغان بۇ مېيىتلارنىڭ باشقىلارغا سېتىۋىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانىكەن. خەلىقئارا جامائەت قەبرىستانلىقى، ئوتتا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش ۋە دەپنە ئىشلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى روبېرت فېللىس  (Robert Fells) نىڭ ئېيتىشىچە، دەپنە ئىشلىرىغا ئالاقىدار كۆپ تەرەپلىمىلىك كەسىپ بولسا «يېڭى بىر ساھە» بولۇپ، لېكىن ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، مېيىتنى تەقدىم قىلىۋەتكەن ئائىلە-تاۋابىئاتلارنىڭ جەسەتنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى بار ئىكەن. ئۇ «رېيتېرس ئاگېنتلىقى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:< ھازىر بۇ ساھەمۇ مېيىتلارنىڭ ئەزالىرىنى سېتىش ئارقىلىق پۇل تېپىشقا باشلىدى، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىشنى مېيىتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئۇقتۇرمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئەخلاقسىز قىلمىش ھەتتاكى قانۇنسىز قىلمىش بولۇپ قالىدۇ>.

فېدراتسىيە قانۇنىدا مېيىتنىڭ جەسىتىنى مائارىپ ( يەنە ئوقۇ-ئوقۇتۇش) ئىشلىرى شۇنداقلا تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ساتسا بولمايدىغانلىقى بېكىتىلمىگەن. ئامېرىكىدىكى كۆپىنچە شىتاتلاردا، دەپنە شىركىتىدىكى مېيىتنىڭ ئۈستىدىن يىغىۋىلىنغان بۇيۇملارنى سېتىشمۇ قانۇنلۇق ھېساپلىنىدۇ. ئوخشاش بىر ئورگاننىڭ بىرلا ۋاقىتتا دەپنە شىركىتى كەسپى، ئوتتا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش كەسپى شۇنداقلا مېيىتلارنىڭ ئەزالىرىنى ۋەكالىتەن سېتىش كەسپىنى بېجىرىشىمۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ ھېساپلانمايدۇ. ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھازىرچە بۇ دەپنە شىركىتىنىڭ زادى نېمە ئىش توغرىلىق ئەرز قىلىنغانلىقى شۇنداقلا دەپنە شىركىتى غوجايىنى خېسقا قارىتا بىرەر تەدبىر قوللىنىدىغان ياكى قوللانمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر ئاشكارىلىمىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • يۈسۈپجان چەرچەن3 ئاي ئىلگىرى

    مەيلى بەرىبىر ئىشلىتەلمەيدۇ دە ئۇنى ئىگىسى،، ھاياتلا پايدىنىلىپتۇ

  • توغراق،شاھى3 ئاي ئىلگىرى

    مازار چاشقىننىڭ ساھايىتى ئوبدان

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号