باش بەت

شىرئەلى روزى

533يوللانما
49مەستانە

چېختىكى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بېقىۋالغان 18 ئىتى بىلەن بىرگە ياشايدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 13:45 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى

بەزىلەر «ئىت ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى» دېيىشىدۇ، بىراق چېخنىڭ بىرنو شەھىرىدىكى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان بىر قاتلامغا كۆتۈرگەن، چۈنكى بۇ ئائىلىدىكىلەر ئۆزى بېقىۋالغان 18 ئىت بىلەن بىرگە ياشايدۇ، ئەر-ئايال ئىككەيلەن ھەتتا بۇ ئىتلارنى ئۆز پەرزەنتىگە ئوخشاش دەپ قارايدۇ، سۈرەتتە: داشا ئىتلىرى بىلەن ئويناشماقتا.

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چېخ دۆلىتى جەنۇبى موراۋىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بىرنو شەھىرىدە 18 دانە ئىت بىلەن بىرگە ياشايدىغان بىر ئالاھىدە ئائىلە بار بولۇپ، بۇ ئىتلارنىڭ ئىگىسى 38 ياشلىق داشا بىلەن 47 ياشلىق روستىرېف ئىكەن. سۈرەتتە، ئائىلە باشلىقى روستىرېف ئىتلىرى ۋە قىزلىرى بىلەن بىللە.

روستىرېفنىڭ ئايالى داشا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بۇ ئىتلار خۇددى مېنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىمگە ئوخشاش، شۇڭا مەن ئۇلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن. بۇ 18 ئىتتىن باشقا يەنە داشانىڭ 5 ياشقا كىرگەن ئوماق بىر جۈپ قوشكېزەك قىزى بار ئىكەن. سۈرەتتە: داشانىڭ قىزلىرى سوفىيە ۋە سارا.

بۇ 18 ئىتنىڭ ئىچىدە يەنە 5 دانە بۇقىسىمان ئىتمۇ بار ئىكەن، داشا قىزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەر ئايدا بۇ ئىتلىرىنىڭ تىرنىقىنى ئېلىپ تۇرىدىكەن. بۇ بۇقىسىمان ئىتلار ناھايىتى ۋەھشى بولسىمۇ بىراق داشانىڭ ئالدىدا ناھايىتى يۇۋاش بولۇپ، ھەر قېتىم تىرنىقىنى ئالغاندا يۇۋاشلىق بىلەن يېتىپ بېرىدىكەن. سۈرەتتە، داشا ئىتلىرىنىڭ تىرنىقىنى ئېلىۋاتىدۇ.

بۇ بۇقىسىمان ئىتلار ئادەتتە بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىكەن، شۇڭا داشامۇ ئۇلارنى «بۇقىسىمان ئىتلار ئەترىتى» دەپ ئاتايدىكەن، سۈرەتتە: ئىتلار يۇيۇنۇشنى ساقلاۋاتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئىتلارنىڭ يەنە مەخسۇس تاماق ئۈستىلىمۇ بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ تاماق يېيىشىگە  قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن تاماق ئۈستىلىگە مەخسۇس بىردىن ئويۇقچە لاھىيەلەنگەن بولۇپ، ئىتلار ھەر كۈنى يېڭى گۆش بىلەن ئوزۇقلىنىدىكەن. سۈرەتتە، داشا يېڭى سويۇلغان كالا گۆشىدىن ئىتلىرىغا 18 كىشلىك تاماق تەييارلىغان.

داشا بۇ ئىتلاردىن باشقا يەنە ئات، ئۆچكە، شاتۇتى قاتارلىق بىر قىسىم ھايۋانلارنىمۇ باققان بولۇپ، بۇ ھايۋانلارنىڭ بېقىشقىمۇ خېلى كۆپ ۋاقتى كېتىدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ 46 ياشلىق ئاكىسى جورج بۇ ئىتلارنى بېقىشىپ بېرىدىكەن، سۈرەتتە: داشانىڭ بۇقىسىمان ئىتلىرى.

بۇ بەش دانە بۇقىسىمان ئىتتىن باشقا داشانىڭ بېقىۋالغان ئىتلىرىنىڭ ئىچىدە ناپلېس تايغىنى، ئەنگىلىيە ئوۋ ئىتى، ئېرلاندىيە بۆرە ئىتى، رۇسىيە ئەرمەك ئىتى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. سۈرەتتە: داشانىڭ 18 دانە ئىتى «ئوپچە سۈرەت» كە چۈشمەكتە.

داشا يەنە «مەن ھايۋانلارنى ياخشى كۆرىمەن، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەممىمىز شۇنداق، چۈنكى ئۇلار ھايۋان بولسىمۇ باققاننى بىلىدۇ، مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا ئۇلار بىلەن بىللە ياشاپ كەلدىم، ئۇلار مېنىڭ ئايرىلماس ھەمراھلىرىم» دېگەن. داشانىڭ يولدىشى روستىرېفمۇ بۇ ئىتلارغا ئامراق بولۇپ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بېقىۋالغان ھايۋانلىرى بىلەن بىر چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ياشايدىكەن. سۈرەتتە: ئىتلار رەسىمگە چۈشمەكتە.

داشا ئاخىرىدا مۇخبىرلارغا «مەن ئىت بېقىشقا ئامراق، بىزنىڭ ئائىلىمىز ئۇلار بولغاچقىلا مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان، مەن ئۇلارسىز تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن» دېگەن. سۈرەتتە: بىر ئائىلە كىشىلىرى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تەكلىماكان 23 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭچە ئوبدان ئۆتىدۇ يەم بولىدىغان ئىش يوق ئۆزىچە.

  • ferid-*3 ئاي ئىلگىرى

    ئۆزى باققان ئىتقا يەم بولىدىغۇ ئاخىر

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号