باش بەت

ئىدىقۇت887

7112يوللانما
14مەستانە

ئۈچ ئېيىق بىلەن ئېلىشقان ئەرنىڭ بەدىنى 41 يىڭنە تىكىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 15:23 8 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كۈندىلىك خەۋەرلەر» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى بىر ئەر يېقىندا ئىتىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقاندا ئېگىزلىكى 5 ئىنگلىز چىسى (يەنە تەخمىنەن 1.5 مېتىرغا تەڭ) كېلىدىغان ئۈچ دانە ئېيىققا ئۇچراپ قالغان ھەم بۇ ئېيىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بۇ ئەر ئېيىقلار بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا چىشلەپ يارىلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، بەختكە يارىشا ئېيىقلارنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ چىققان، بۇ ئەرنىڭ بەدىنى 41 يىڭنە تىكىلگەن.

بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن ئاندىرىي مونىيىېر ساقچى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 10 يېرىمدا ئۆيدە بېقىۋاتقان ئەرمەك ئىتىنى تالاغا قويۇۋەتكەن، لېكىن ئەرمەك ئىت ئۇزۇن ئۆتمەيلا تالادىن قايتىپ كەلگەن. ئاندىرىينىڭ ساقچىلارغا ئېيتىشىچە، ئۇ ئەرمەك ئىتنىڭ قايتىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ سىرتقا چىققاندىن كېيىن سىرتتا ئېگىزلىكى 5 ئىنگلىز چىسى (يەنە تەخمىنەن 1.5 مېتىرغا تەڭ) كېلىدىغان ئۈچ دانە ئېيىقنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن، ئېيىقلار ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن ئېتىلىپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان. ئۇ ئېيىقلار بىلەن بىر قەپەس ئېلىشقاندىن كېيىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېيىقلارنىڭ قورشاۋىدىن بۆسۈپ چىققان ھەم ئۆيىگە قېچىپ كىرىۋالغان. كەينىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، ئۇنىڭ باش قىسمى ۋە قورساق قىسمى يارىلانغانلىقى ئۈچۈن 4 سائەت ئوپراتسىيە قىلىنىپ 41 يىڭنە تىكىلگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەنزىلىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    كارامەت يامانكىنا بۇ ئادەم يۇلۋاستىنمۇ قۇقمايدىكەن دىسە

  • مالىيە ئىقتىساد ئۇنۋېرستىتى 在线1 ھەپتە ئىلگىرى

    قالتىس ھەي قول قويدۇم

  • bahtim3381 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋۇسۇڭنى دوراپ باققۇسى كەلدىمۇ بۇ ئاداشنىڭ

  • لىيۋنىڭ كوماندىسى مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋۇسۇڭ پالۋاننىڭ ئۆزىكەنغۇ ! نىمە دىگەن قوقۇنۇشلۇق !

  • دىيار09971 ھەپتە ئىلگىرى

    تەلىيىڭ باكەن سولتەك.

  • بارسلىلونا1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۈچىبىلەن تەڭ ئىلىشماي بىردىن بىردىن چىقىڭلار دىگەنبولسىچۇ .

  • gigot1 ھەپتە ئىلگىرى

    قوغداش ياخشى بولغانلىقتىن توقسۇننىڭ تاغلىرىدىمۇ ئېيىق بۆرە تۈلكە كەكلىك بۇغا ۋە باشقا ھايۋانلار كۆپىيىپ كەتتى.

  • رىزۋانگۈل1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋېييەي قوقتۇم جۇمۇ بۇ ئىيقلاردىن ،ۋۇسۇڭ يۇز بېشدەك گۇمپا با ئۇخشايدۇ ئاۋۇ كىشدە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号