باش بەت

دىل بايان

1109يوللانما
130مەستانە

قاراڭغۇ ئۆڭكۈر يۇتىۋالغان پىلانېتلار نەگە كېتىدۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 18:10 14 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى

فانتازىيەلىك رومانلاردا قاراڭغۇ ئۆڭكۈر خۇددى باشقا بىر دۇنياغا تۇتىشىدىغان ئىشىك بولۇپ، سىزنى ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئەڭ يىراق بىر بۇلۇڭىغا ئېلىپ بارالايدۇ. بىپايان ئالەمدىكى سىرلىق ئاسمان جىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانلارغا ناتونۇش بۇ ئاسمان جىسىمى يەنىلا يېشىلمىگەن سىرلارنى بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىراق بىز ھازىرقى نەزەرىيىۋى بىلىشىمىزگە ئاساسەن بىر قېتىملىق ئالاھىدە مېڭە ساياھىتى قىلىپ، بۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ سىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقايلى. قاراڭغۇ ئۆڭكۈر زادى قانداق نەرسە؟ ئەگەر ئادەم قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كەتسە قانداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟

قاراڭغۇ ئۆڭكۈر يۇلتۇزلارنىڭ يوقىلىشىدىن پەيدا بولغان، 4-3 دانە قۇياشنىڭ چوڭلىقىچىلىك كېلىدىغان يۇلتۇزلار بارا-بارا ئۆچكەن ۋاقتىدا ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ تەسىرىدە تېزلىكتە كىچىكلەپ، زىچلىقىنىڭ يۇقىرىلىق دەرىجىسى تاكى بىز ئويلاپ باقمىغان دەرىجىگە يەتكۈچە كۈچلۈك پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن غايەت زور تارتىش كۈچى شەكىللىنىپ، بارلىق سۈمۈرۈۋېلىنغان ماددىلار زىچلىقى چەكسىز چوڭ بىر سىنگۇليار نۇقتىغا يىغىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتا مەۋجۇت بولغاچقا، ھەرقانداق نەرسە قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ تارتىشىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ، ھەتتاكى يورۇقلۇقنىڭمۇ قۇتۇلۇپ كېتەلىشى تەس. بۇ كۆل سۈيىدەك كۆرۈنىدىغان دائىرە «كۆرۈش چېگراسى» دەپ ئاتىلىدۇ، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر مۇشۇ كۆرگىلى بولىدىغان رايوننىڭ گىرۋىكىدە بولۇپ، ھەرقانداق نەرسە يېقىنلاشسا ھەش-دېگۈچە غايىپ بولىدۇ.

كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە ئاساسەن، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر مۇنداق شەكىلدىكى ئاسمان جىسىمى: ئۇنىڭ ھەجىمى ھەددىدىن زىيادە چوڭ، تارتىش كۈچى كۈچلۈك، ھەتتا يورۇقلۇقمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ، سۈرئىتى بىرقەدەر ئاستىراق ماددىلار تېخىمۇ چىقالمايدۇ. شۇڭا سىرتتىكىلەر قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنى كۆرەلمەيدۇ، بۇ دەل ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن قاراڭغۇ ئۆڭكۈر دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى. سىز پەقەت قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ھاسىل قىلغان ۋاسىتىلىك ئېففېكت ئارقىلىق مەلۇم ئورۇندا قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ بارلىقىغا ھۆكۈم قىلالايسىز، مەسلەن، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ يىغىش تەخسىسى ۋە يىغىش تەخسىسى پۈركۈپ چىقارغان تىك ھالەتتىكى زەررىچىلەر ئېقىمى ياكى ئىككى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بىرلەشكەندىكى تارتىش كۈچى دولقۇنىدىن.

ئېينشتېين قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن بىشارەت بېرىش بىلەن بىرگە يەنە يورۇق ئۆڭكۈرنىمۇ تىلغا ئالغان، بىراق بۇ ھازىرغىچە تېخى ئىسپاتلانمىدى. بەزىلەر يۇلتۇزسىمان جسىملارنى بەلكىم يورۇق ئۆڭكۈر بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇ يورۇق ئۆڭكۈرنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ماس كەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۆزئارا قارىمۇ-قارشى. يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ مەركىزى دەل قاراڭغۇ ئۆڭكۈر، يەنى ناھايىتى چوڭ ھەجىمدىكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر، ئۇ توختىماستىن ھەرخىل ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا يورۇق كۆرۈنىدۇ، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىككى ئۇچىمۇ سىرتقا نىسبەتەن كۆپ مىقداردا ئاساسىي زەررىچىلەرنى قويۇپ بېرىدۇ، بۇمۇ ئۇ سۈمۈرگەن نەرسىلەرنىڭ بەك كۆپ، بەك تېز بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى، شۇڭا يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ ماھىيىتى يەنىلا قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بىلەن يېقىنلىشىدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ بىرخىل قۇرۇلمىسى بىرقەدەر مۇرەككەپ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر.

قاراڭغۇ ئۆڭكۈر يىغىۋېلىشقا مەسئۇل، يورۇق ئۆڭكۈر قۇسۇپ چىقىرىپ قايتا ھاياتلىق پەيدا قىلىشقا مەسئۇل. قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ماددىلارنى سۈمۈرگەندىن كېيىن، پارچىلاپ ئالەمدىكى ئەڭ كىچىك ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن ئەگرى بوشلۇق ئارقىلىق يەنە بىر ئالەمدىكى ئاق ئۆڭكۈر قۇسۇپ چىقىرىپ، بۇ ماددىلاردىن ئاستا-ئاستا شار شەكىلدىكى پىلانېتلارنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ھازىرقى نەزەرىيە جەھەتتىن شۇنداق دەپ يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، بىر جىسىم قاراڭغۇ ئۆڭكۈر تەرىپىدىن سۈمۈرىۋېلىنىپ مەركىزىدىكى سىنگۇليار نۇقتىغا يېقىنلاشقاندا، بۇ جىسىم ئوخشاش بولمىغان ئورۇندىن كۈچلۈك تارتىلىش ۋە سوزۇلۇش تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاخىرىدا ئەسلىدىكى كۆلىمىنى يوقىتىدۇ ۋە سىنگۇليار نۇقتىدا مەڭگۈ غايىپ بولىدۇ.

ئەگەر، ھەرقانداق زەررىچە قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن قۇتۇلۇپ چىقالمىسا، ئۇنداقتا قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ھەجىمى پەقەت ئاشىدۇ، ھەرگىز كىچىكلىمەيدۇ؛ يەنى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ كۆرۈش چېگراسى ئۇنىڭ ھەجىمىنى بەلگىلەيدۇ.

بىراق، ئەگەر جىسىملار قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلاردىكى ئېنتروپىيە شۇنىڭ بىلەن يوقلىدۇ، شۇڭا ئالەم بىر يالغۇز سىستېما بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىچىدىكى ئېنتروپىيە ئازلاپ كېتىدۇ، بۇ تېرمودىنامىكىنىڭ ئىككىنچى قانۇنى خىلاپ. كىشىلەر قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ مەلۇم تېمپىراتۇرىدىكى ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. قاراڭغۇ ئۆڭكۈر پۈتۈنلەي قاراڭغۇ ئەمەس، بۇ خاۋكېڭ رادىياتسىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ. خاۋكېڭ رادىياتسىيەسى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ھەجىمىنى كىچىكلىتىدۇ، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر يوقاتقان ھەجىم ئاشقان ھەجىمدىن چوڭ بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ پۈتۈن ھەجىمى كىچىكلەپ، ئاخىرى تۇمانغا ئايلىنىپ يوقاپ كېتىدۇ.

شۇڭا، بۇنچە چوڭ ھەجىمدىكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر خېلى ئۇزۇنغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئادەتتىكى يۇلتۇزلار ئۆچكەندە ھاسىل بولغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈرمۇ 10نىڭ 66-دەرىجىسىلىك يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بولسا 10نىڭ 90-دەرىجىسىلىك يىل مەۋجۇت بولىدۇ، خاۋكېڭ رادىئاتسىيىسى بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالەم شەكىللەنگەندە ھاسىل بولغان مىكرو قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەرنى كۆزىتەلمەيدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللىقاچان تۇمانغا ئايلىنىپ كەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • sahra oghli1 ھەپتە ئىلگىرى

    قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئاشقازىنى قاتتىق ئاغرىپ قالدى شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ...

  • خەيىر2 ئاي ئىلگىرى

    قايسى كۈنلىرى بىر خەۋەردە قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى دەۋاتاتتى

  • سەبىي3 ئاي ئىلگىرى

    ئىشقىلىپ قارا ئۆڭكۈردىن كىرىپ كەتكەنكەن ھامىنى بىر يەردىن چىقىدۇ، ماددا ھەرگىزمۇ ئىز دېرەكسىز يوقىلىپ كەتمەيدۇ ھەم ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالمايدۇ.

  • جاھاندا بىر3 ئاي ئىلگىرى

    ئالەم توغۇرلۇق سوزلسە ئاغزىمنى ئېچىپلا قالىمەن ،ئنسانلارنىڭ ئالەمگە نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتى ۋە نەتىجىلىرى بەلكىم دېڭىزبىلەن بىر تامچە سۇدەك پەرىقلىق بۇلشى مۇمكىن ، دىمەكچى تەتقىقات نەتىجىسى بىر تامچە سۇ، دېڭىزتېخى شۇ پېتىچە ،ئنسانلار تىرىشۋاتىدۇ ئەمما ھالقىلىق مەسلە ئالەم چوڭ بۇلۇپلا قالماي ئۆزگىرىشچان ھەم ناھايتى يىراق ،ئىلمى نەزەريىۋى ھىساپلاش بىلەن ئەمىلى تەتقىقات مۇساپىسى ماس كەلمەسلىك سەۋەبىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بەك تەس بۇلىشى مۇمكىن،يەنە مالىيە كۇچى تېخنىكا كۇچى ئنتايىىن زور دولەتلەرلا بۇچىقىملارنىڭ ھۆددىسدىن چىقالايدۇ ئەمما بۇنداق دولەتلەر ساناقلىقلا ،مىنىڭچە قارا ئۇڭكۇر تەتقىقاتىدا نەزەرىيە جەھەتتە ئۇنى-بۇنى دىيەلشى مۇمكىىن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ئسپاتلاش ئۇچۇن يەنە ئنسانلارنىڭ نەچچە ئەسىر ۋاقتى كىتىشى مۇمكىن

  • مۇھاكىمە3 ئاي ئىلگىرى

    سىنگولىيار نوقتا مەۋجۇت ئەمەس ، بىز ياشاۋاتقان ئالەم بىر قاراڭغۇ ئۇڭكۇردۇر ، ئېينىشتىيىننىڭ ئالەم تەڭلىمىسىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلساق ئېينىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان چەكسىز ئەمما چىگىرىسى بار ئالەمنىڭ چىگىرىسىنىڭ ماھىيەتتە قاراڭغۇ ئۇڭكۇرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان شىۋارزچىلىد ھورزونىنىڭ يىشىمى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز ، ئىشەنمىسەڭلار قايتا قايتا قاراپ ھىساپلاپ باقساڭلار بۇلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بىز ياشاۋاتقان ئالەممۇ ناھايىتى كوپلىگەن قاراڭغۇ ئۇڭكۇرنى ئوز ئىچىگە ئالغان قاراڭغۇ ئۇڭكۇردۇر ، ئىسپات دەمسىلەر ، ئالەمنىڭ ناسا ئولچەپ چىققان ئوتتۇرىچە زىچلىقىنى قاراڭغۇ ئۇڭكۇرنىڭ ماسسا ۋە رادىئوسىنى ھىساپلايدىغان تەڭلىمىگە قۇيۇپ ھىساپلىساڭلار شارسىمان ، تىنىچ (ئوز ئوقىدا ئايلانمايدىغان)، ماگىنىت مەيدانىسىز،دەپ قارالغان ئالەمنىڭ رادىئوسى چىقىدۇ ، بۇنىڭ قىممىتىمۇ ناسا ئوتتۇرىغا قويغان ئالەم رادىئوسى ئولچەش نەتىجىسىدىن ئۇچ ھەسسىلا كوپ چىقىدۇ ، بۇ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس، غۇۋا ماددىنىڭ تەقرىبى ماسىسىنى ئويلىشىپ ھىساپلاپ چىقساق يۇقارقى پەرق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان ماسسا پەرقىنىڭمۇ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى كەلتۇرۇپ چىقارغىلى بۇلىدۇ.دىمەك غوۋا ماددىمۇ يوق ، ئۇ پەقەت بىز تېخى كۇزىتەلمىگن ئالمنىڭ باشقا جايلىرىنىڭ ماسسىسىدىن ئىبارەت خالاس.
    يەنە بىر نوقتا شۇكى بىزنىڭ ئالەممۇ ئوز ئوقىدا ئايلىنىدۇ ۋە ئاجىز ماگىنىت مەيدانىغا ئىگە ، ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ چىكى بار ، ئو بولسىمۇ ئالەمنىڭ شىۋازچىلىد ھورزۇنىدىكى ماددى نوقتىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ئارتماسلىقى كېرەك، ئالەملىك تارتىشىش كۈچى تۇراقلىقى ، يۇرۇقلۇق تىزلىكى قاتارلىق تۇراقلىقلىقلارنىڭ قىممىتىدە ئالەمنىڭ كېڭىيىش تارىيىشىغا ئەگىشىپ ئوزگىرىش بۇلۇپ تۇرىدۇ،ھازىرقى بىر قىسىم ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا يىراق ئوتمۇشتە ھازىرقىدەك قىممەتكە ئىگە بولمىغان ،

  • پىنھان چۈش3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ پەرزەز تېخى تۇلۇق ئىسپاتلانمىدى مۇتلەق توغرا ئەمەس بۇلىشى مۇمكىن لىكىن ھەممىمىزنىڭ ئالەمدە مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھادىسىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قويغىنىمىز ياخشى

  • @@karwan886@@3 ئاي ئىلگىرى

    ئەمىسە قاراڭغۇ ئۆڭكۈر دىگىنى پىلانىت سەييارە ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتكەندە

  • تىل چايان3 ئاي ئىلگىرى

    بارىدىغان يېرىگە

  • قايدا سەن3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ تېمىنى چۈشىنىش سەل تەس ھەر بىر ھالقىنى چۇقۇم تەھلىل قىلىپ چۈشىنىپ ئۇقۇش زۆرۈر

  • ئىسپانىيلىك بالا3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي،،،!!! ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنچىۋالا كەڭرى جاھاندىكى بىر قۇم،بىر زەررىچە ئىكەنلىكىمنى ئويلىسام،،كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولىدۇ،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号