باش بەت

جۇشقۇنجان

3499يوللانما
4مەستانە

فرانسىيەدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار سامسۇڭنى ئەرز قىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 18:10 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فرانسىيىدىكى ئىككى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئالدامچىلىق ۋاستىسى قوللىنىپ تىجارەت قىلغان دېگەن سەۋەب بىلەن كورېيەنىڭ تېخنىكا ماگناتى سامسۇڭ ئېلېكترون شىركىتىنى سوتقا ئەرز قىلغان. بۇ ئىككى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ئايرىم ھالدا Sherpa ۋە ActionAid-Peuplesلار ئىكەن.

بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ دېيىشىچە، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ كورېيەدىكى زاۋۇتى ئىشچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغان، بۇ قىلمىش مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىسىگە زىت ئىكەن. سامسۇڭ شىركىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ۋەدىسىنى ئۆزلىرىنىڭ تىجارەت قىلىشتىكى بىر ۋاستىسى قىلغان. بۇ ئىككى تەشكىلات پارىژ سوت مەھكىمىسىگە ئەرزنامىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئەيىبلەنگۈچى تەرەپ بولسا سامسۇڭ گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ فرانسىيىدىكى تارماق شىركىتىدۇر.   

سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ فرانسىيىدىكى تارماق شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ خەۋەرگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

    

سامسۇڭ شىركىتى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ كەلگەنلىكىنى، شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئادەم ئىشلىتىش توغرىسىدا قاتتىق بەلگىلىمىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.   

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، تېلېۋىزور ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سامسۇڭ شىركىتى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بالا ئىشچىلارنى قەتىي ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سامسۇڭ شىركىتى يەنە ھەرقايسى جايلارنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.   

ئۆتكەن يىلى فرانسىيە «كارخانىلار مەجبۇرىيەت قانۇنى»نى ماقۇللىغان، بۇ قانۇندا فرانسىيەدە تىجارەت قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ مەيلى ئۇلارنىڭ قانداق تىجارەت قىلىشىدىن قەتىينەزەر ئىشچىلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقى، شۇ يەرنىڭ مۇھىتىنى ئاسرىشى زۆرۈرلىكى بەلگىلەنگەن.    

Sherpa ئۆزىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۇلارنىڭ باشتا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدى. بىز ئەدلىيە ئورۇنلىرىدىن بۇ شىركەتلەرنىڭ قىلمىشىنى توسۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.»   

ئەرزنامەم تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، پارىژ سوت مەھكىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار سامسۇڭ شىركىتىگە قارىتا دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش قىلىش ياكى ئەرزنى قايتۇرۇش لازىملىقى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号