باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا نومۇر تاختىسىنى ئېتىۋېلىپ ئارقىغا يانغان شوپۇرنىڭ 24 نومۇرى تارتىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 18:27 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2لەر ئەتراپىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 2-چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى كۆزەتكۈ ئارقىلىق يول چارلاۋاتقاندا شاڭخەي-شىئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ بىر ئاچا يول ئېغىزىدا بىر ئاق رەڭلىك SUVنىڭ ئوڭ-سول مېڭىپ يۈرگەنلىكى، تۇيۇقسىز تورمۇز قىلغانلىقى، يەنە تېخى جىددىي ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلىدىغان يولدا توختىغانلىقىنى بايقاپ قالدى.

ئارقىدىن، ئاپتوموبىل شوپۇرى پەسكە چۈشۈپ ئارقا ساندۇقنى ئاچتى. ساقچى ئۇنى ساندۇقتىن بىر نەرسە ئالماقچى ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانىدى. بىراق، شوپۇر ئارىلىقتا قايتىدىن ئاپتوموبىلغا چىقىپ بىر پارچە يۇمشاق قەغەز بىلەن بىر بوتۇلكا سۇ ئېلىپ چۈشتى. ئارقىدىن، قەغەزنى ھۆللەپ نومۇر تاختىسىنىڭ ئاخىرقى خانىسىغا چاپلاپ قويدى.

بىراق، بۇ شوپۇر نومۇر ئانچە ياخشى توسۇلمىغانلىقىنى بايقاپ يەنە بىر ئامال ئويلاپ تاپتى. ئاپتوموبىلدىن بىر لۆڭگە ئېلىپ چۈشۈپ نومۇر تاختىسىنى پۈتۈنلەي توسۇۋەتتى.

ئارقىدىن، ئاپتوموبىل ئارقىغا قايتۇرۇلۇپ بىر باغلىما يولغا كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي شوپۇر يەنە پەسكە چۈشۈپ لۆڭگىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. ئاخىرىدا، ئۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىلنى ئارقىغا ياندۇرغانلىقى، نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇۋالغانلىقى ئۈچۈن پىراۋىسىدىن 24 نومۇرى تارتىلىپ، 400 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • BOY7103 ئاي ئىلگىرى

    پىراۋا ئالماقنڭ تەسلكدە ھازىر ماۋۇ گۇي.بلمەپتۇ دە پىراۋا نڭ قەدرنې

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号