باش بەت

durdana

1638يوللانما
102مەستانە

دىلرابا شىنجاڭنىڭ قۇرتىنىڭ داڭقىنى چىقاردى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 18:15 40 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دىلرابا ياڭ مىنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى سەنئەتكار بولغاندىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئائىت خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كەلدى. «زامان ھالقىغان رىشتە» ۋە «چىرايلىق لى خۇيجېن» ناملىق تىياتىرلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئەڭ ئالقىشلىق غۇنچىلار قاتارىدىن سانىلىپ بولغىلىمۇ خېلى بولدى.

يېقىندا «لىجى قىسسىسى» نى ئىشلەۋاتقاندا مۇخبىر دىلرابانىڭ يەرلىك مەھسۇلات-–قۇرت يەۋاتقانلىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. دىلرابا قۇرتنى ناھايىتى ھوزۇرلىنىپ يېگەن، قۇرت دېگەن زادى نېمە؟ ئاڭلىشىمىزچە قورساققا ئامراق دىلرابا نەق مەيداندا مۇخبىر ۋە مەستانىلەرگە قۇرتنى تارقىتىپ بەرگەن، لېكىن نەق مەيداندىكىلەر ناھايىتى چۈچۈمەل بۇ يەرلىك مەھسۇلاتنى تازا چۈشىنەلمىگەن. دىلرابا بۇنداق گۈزەل تۇرۇپ نېمىشقا بۇنداق چۈچۈمەل نەرسىنى يەيدىكىنە؟ (ئەمما بىز شىنجاڭلىقلار قۇرتنى دائىم يەپ تۇرىمىز، شۇڭا بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس تۇيۇلىدۇ.)

شۇنىڭ بىلەن دىلرابا داڭقىنى چىقارغان شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلات قۇرت شۇ كۈندىكى مەلۇم بىر مال سېتىش سۇپىسىدا بەك قايناپ كەتكەن. يەنە شۇ كۈنلۈك ئىزدەش تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

شىنجاڭ راستتىنلا ھوسۇللۇق بىر جاي، دىلرابا، گۈلنەزەر، توڭ لىياغا ئوخشاش گۈزەللەر چىققان. شۇڭا كۆپچىلىك قۇرت يېيىش ئارقىلىق گۈزەللىككە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىپ قالغان بولسا كېرەك.

پېقىرمۇ قاتاردىن قالماي دەپ شۇنداقلا ما يۈن ئەپەندىمنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ باقسام راستتىنلا دىلرابانىڭ سۈرىتى تەييار بولۇپ تۇرغان مەھسۇلاتلار ئايان بولدى. مالنى بۇيرىتىپ قويدۇم، دىلرابادەك يەپ كەتسەم دېگەنلەرنى خىيال قىلغاچ مال كېلىشىنى كۈتتۈم.

ۋات؟ بۇ نېمە تەم ئۆزى؟ بۇنداق چۈچۈمەل تەمنى مەن ھاياتىمدا يەپ باققان بولغىيمىدىم؟

ئىشقىلىپ مەندەك ئاددىي ئادەملەر بۇ تەمنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمىگۈدەك.

ئەمدى بىز بۇ ئالاھىدە يېمەكلىكنىڭ قانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى بارلىقىغا قاراپ، پەننى ئومۇملاشتۇرىمىز.

قۇرت

قۇرت بولسا قازاق، قىرغىز، موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ، سۈتنىڭ جەۋھىرىدۇر. قۇرت ئىككى خىل، بىرى تاتلىق سۈتتىن ياسىلىدىغان ئىرىمچىك، يەنە بىرى قېتىقتىن ياسىلىدىغان قۇرتتۇر، قۇرت مايلىق، مايسىز دەپ ئايرىلىدۇ. قولدا ياسىلىدۇ، ھەر 100 گىرامىدا 1826 كالورىيە بار، ئاساسلىق رولى ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، سۆڭەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تېرىنى ئاسرايدۇ.

قۇرتنى تەييارلاش ئۇسۇلى

كالا ياكى قوي سۈتىنى ئېچىتىپ قېتىق قىلغاندىن كېيىن قازانغا سېلىپ قاينىتىمىز، ئاندىن رەخت خالتىغا سېلىپ ئېسىپ قويىمىز، سۈيى تامچىلاپ تۈگىگەندە ئاندىن قول بىلەن پارچە-پارچە ھالغا كەلتۈرىمىز، ئاندىن شامالدىتىپ قۇرۇتسىلا بولىدۇ.

قۇرتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى

1. سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىك بولغاچقا كالتىسىي تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك، قۇرتتىكى كالتىسىي ئاسانلا سۈمۈرۈلىدۇ.

2. قۇرت ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قۇۋۋەت بولىدۇ، كۆزنى ئاسراپ، تېرىنى ياخشىلايدۇ.

3. قۇرتنىڭ تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى ئادەم بەدىنىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش رولىنى ئۆتەيدۇ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، قەۋزىيەت ۋە ئىچى سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

4. قۇرت تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسىنىڭ بەدەننىڭ ساقلىقىنى ساقلاش رولى بولۇپ، تەركىبىدە خولىستىرىن ئاز بولغاچقا قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ھە مانا، شىنجاڭدا گۈزەللەرنىڭ نېمىشقا جىق بولىدىغىنىنى بىلگەنسىلەر! 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ALIM_Nur3 ھەپتە ئىلگىرى

    قۇرت بىلەن قۇرۇت نىڭ پەقى با باللووو..

  • 唯爱迪丽热巴2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن دىلرابانى

  • ABDULLa·M3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بەك ئامراق قۇرۇتقا

  • ساراڭ3 ئاي ئىلگىرى

    بەك يىگۇم كىلىۋاتىدۇ

  • ئابلەت5103 ئاي ئىلگىرى

    بەزىلە پايپاق تىتىپ تۈكۈرۋەتكەن دەپسىلە ،يەنە بەزىلە بەك تۇزلۇقكەن دەپسىلە ، قۇرتنى يەپ كۆنمىگەن ئادەم ئۇنىڭدىكى ھوزۇرنى ھىس قىلالمايدۇ ، شۇڭا بۇ يەدە قۇرتنى ئۇ بۇ دەپ باھا بەرمەڭ

  • تەسنىم3 ئاي ئىلگىرى

    ۋۇييۇ مۇشلادىن باشقا ئەدەم يوقتەك ئەجەپ ئۇفففف

  • تەكلىماكان 23 ئاي ئىلگىرى

    مەخمۇتجان گېپىڭىز توغرا شامالدا قۇرۇتقاچقا قۇرۇت دەيدۇ،
    قۇرت دىگەن جانلىق

  • سەبىي3 ئاي ئىلگىرى

    شۆلگىييم ئېقىۋاتىدۇ. ھەي نمىشقىمۇ غۇلجا، ئالتاي تەرەپلەردە تۇغۇلۇپ قالمىغان بولغىيتىم، مۇشۇ سارماي، قۇرۇت، قېتىق قايماقلارغا ۋەششى ئامراق مەن، ئەمما ئاقسۇدا تاپماق سەل مۈشكۈل.

  • غىرىپ ئۇيغۇر قىزى3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بەك ئامراق مەن غۇلجىدىن مۇمام ماڭا تاغدا ياساپ بەرگەن ئىدى بەك پەيزى

  • ئىلدارە3 ئاي ئىلگىرى

    ئۈرۈمچىدىمۇ تاللا بازارلىردا بار مەنمۇ دائىم دىگۈدەك يەيمەن شۇنداق چۈچۈمەل نەرسىلەرگە بەك ئامراق لىموننى شۇنداق لەززەتلىنىپ يىگىنىمنى باشقىلار كۆرسە گەپ قىپ كىتىدۇ ئانداق ئاچچىق تۇرسا مۇنداق بەك چۈچۈمەل دىگەندەك ئۆزۈم يا ئاچچىق يىمەيمەن يا تاتلىق يىمەيمەن تەمى چۈچۈمەل نەرسىلەرنى بەك ياقتۇرۇپ يەيمەن بىر ئائىلىدە مەندىن باشقا ھىچكىم چۈچۈمەل نەرسىلەرنى يىيەلمەيدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号