باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

رۇسىيەلىك ئەر 16-قەۋەتنىڭ بالكونىدىن قولدا ئېچىلىدىغان پاراشوت بىلەن سەكرىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 18:48 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيەلىكلەرنىڭ جەڭگىۋار مىللەت دېگەن نامى بىكار قويۇلمىغان. ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا توردا تارقالغان بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەلىك بىر ئەر قولدا ئېچىلىدىغان پاراشوتتىن بىرنى ئېلىپ 16-قەۋەتنىڭ بالكونىدىن سەكرىگەن ھەم يەرگە بىخەتەر چۈشكەن.

ئۇزۇنلۇقى 30 سېكونتلۇق بۇ سىندا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەدىكى بىر كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇ بىنانىڭ 16-قەۋىتىنىڭ بالكونىدا بىر ئەر قولدا ئېچىلىدىغان پاراشوتتىن بىرنى تۇتۇپ تۇرغان.

ئۇ سەكرەشكە ئالدىرىماي بىنا قىرىدا تۇرۇپ شامال چىقىشىنى ساقلىغان. ئىسمى نامەلۇم بۇ ئەر يەنە كامېراغا قاراپ سەكرەشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلغان، شامال كۈچى مۇۋاپىق دەرىجىگە يەتكەندە كامېراغا سىگنال بېرىۋەتكەندىن كېيىن سەكرىگەن.

بىنا ئاستى قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، يول بويىغا بىر نەچچە ئاپتوموبىل توختىتىلغانىدى. بۇ ئەر سەكرىگەندىن كېيىن پاراشوت ئىچىگە ھاۋا تولغان، ئەرمۇ تەخمىنەن 49 مېتىر ئېگىزلىكتىن قارلىق يەرگە بىخەتەر چۈشكەن.

بىراق، بۇ ئەرنىڭ «باتۇرلۇقى» باشقىلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى. رۇسىيەلىك بىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى: «ئۇ خەتەرگە تەۋەككۇل قىپتۇ. توردا قىسقا ۋاقىت نام چىقىرىش ئۈچۈن شۇنچىۋالا قىلىش كېتەمدۇ؟» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 特别爱1 ھەپتە ئىلگىرى

    روسىيىلىك ئادەملەرمۇ مۇشۇنداق قالتىس ئىش قىلغىلى ئامراق.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号