باش بەت

ئادىلجان

8600يوللانما
123مەستانە

iPhone Xنىڭ ياخشى سېتىلىشى سامسۇڭنىڭ كىرىمدە رېكورت يارىتىشىغا ياردەم بەردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 19:12 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭ يېقىندا 2017-يىلى تۆتىنچى پەسىلدىكى پايدا دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن بۇرۇن كورېيە ھۆكۈمىتىگە بىر دەۋرىيلىك دوكلاتى يوللىغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتا سامسۇڭنىڭ 2017-يىلى 10-ئايدىن 12-ئايغىچە 14 مىليارد 100 مىليون دوللار پايدا ئالغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئالدىنقى بىر پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا بۇ پەسىلدىكى كىرىمى تەخمىنەن بىر مىليارد 300 مىليون دوللار ئاشقان بولۇپ، پەسىل بويىچە ھېسابلىغاندا يەنە بىر قېتىم رېكورت ياراتقان. 

ئۇنىڭدىن باشقا ئالما 2-ئاينىڭ 1-كۈنى تۆتىنچى پەسىللىك پايدا دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىقى يېڭى بايراقدار يانفونى iPhone Xنىڭ بازار تاپقانلىقىغا تايانغانلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن ئەمەس، سامسۇڭمۇ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ، چۈنكى iPhone Xتىكى ئەڭ قىممەت زاپچاس OLED ئېكران بولۇپ، ئۇنى دەل سامسۇڭ ئىشلەپچىقارغان. 

ئالمىنىڭ CEOسى تىم كۇك 11-ئايدىكى بىر قېتىملىق يىغىندا ئالمىنىڭ تۆتىنچى پەسىلدىكى پايدىسى 8.4 مىليارد دوللاردىن 8.7 مىليارد دوللارغىچە ئارىلىقتا بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن، بۇنى سامسۇڭغا سېلىشتۇرغاندا پەرق بەكلا چوڭ، ئەمما ئالمىنىڭ ھەر بىر iPhone X يانفونىنىڭ پايدىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر بىرى ئالمىغا 600 دوللارغا يېقىن پايدا يارىتىپ بېرىدۇ، شۇڭا ئالمىنىڭ ئوخشاش بىر پەسىلدىكى كىرىمى بەلكىم سامسۇڭدىن قېلىشماسلىقى مۇمكىن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号