تېڭشۈن تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
گانگى دەرياسى ھىندىستانلىقلارنىڭ قەلبىدىكى مۇقەددەس دەريا. بىراق، ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھىندىستان بويىچە بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر دەريالارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. بۇ دەرياغا سانائەت بۇلغىمىلىرى قويۇپ بېرىلگەندىن باشقا، يەنە خەلقنىڭ ھەرخىل دىنىي مۇراسىملىرىدىن قالغان قالدۇقلار، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش پائالىيەتلىرىدىن قالغان ئادەم سۆڭەكلىرى ۋە قەيەردىن كەلگەنلىكى نامەلۇم ھايۋانات سۆڭەكلىرى تولۇپ كەتكەن.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى «گانگى دەرياسىنى تازىلاش» پىلانىنى يولغا قويۇپ بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بىر نەچچە بۆلەكنى پاكىزلىماقچى بولدى. ھىندىستان تاراتقۇلىرى دەريانى تازىلاش پىلانى ئېلان قىلىنغىنىغا ئۈچ يىل بولغانلىقى جاكارلانغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر بىر پۇڭمۇ سەرپ قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گانگى دەرياسى ھىندىستان ئۇتتار پىرادېش ئىشتاتىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولۇپ، دەريا ئېقىنىنىڭ كۆپ قىسىمى مۇشۇ ئىشتاتقا جايلاشقان. شۇڭا بۇ ئىشتاتنىڭ گانگى دەرياسىنى پاكىزلاش مەسئۇلىيىتىمۇ ئېغىر. يېقىندا ئىشتات مىنىستىرى يوگىنىڭ (Yogi Adityanath) قوللىغۇچىلىرى قاپ يۈرەكلىك بىلەن بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى:
«گانگى دەرياسىغا 500 تاشپاقا قويۇۋېتىمىز. ئۇلار دەريادىكى ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى ۋە باشقا چىرىگەن نەرسىلەرنى يەپ دەريانى تازىلايدۇ.»
بۇ ھەرگىز چاقچاق ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئىجرا قىلىنىدىغان پىلان. ئۇتتار پىرادېش ئىشتاتى ئورمانچىلىق تارماقلىرى 1-ئاينىڭ ئاخىرى ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن «ئىجادچانلىققا» ئىگە بۇ خىزمىتىنى رەسمىي باشلاپ گانگى دەرياسىغا تاشپاقا قويۇۋېتىدۇ.
باشقىلارنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ غەلىتە بىلىنگەن پىلاننىڭ ئۇتتار پىرادېش ئىشتاتىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقىنىغا 30 يىل بولاي دېدى. بۇ ئىشتات 1980-يىلىدىن باشلاپ تاشپاقا قويۇۋېتىش ئارقىلىق گانگى دەرياسىدىكى چىرىگەن گۆش ۋە باشقا ئەخلەتلەرنى تازىلاپ كەلدى. بۇ جايدىكى تاشپاقىلارنىڭ سانى ھىندىستان بويىچە ئەڭ كۆپ بولغاچقا ئۇلاردىن پايدىلىنىپ دەريانى تازىلاشنىڭ بولمايدىغان يېرىمۇ يوق.
بىراق، تورداشلار بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈردى: نەچچە 100 تاشپاقىغا تايىنىپ 2500 كىلومېتىرلىق دەريانى تازىلاش ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەريا ھەيران قالارلىق دەرىجىدە بۇلغىنىپ كەتتى. تاشپاقىلار ئېھتىمال دەرياغا كىرەر-كىرمەيلا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن.
سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئۆلچىشىگە ئاساسلانغاندا، گانگى دەرياسىنىڭ ھەر 100 مىللىلېتىر سۈيىدىكى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ سانى 60 مىڭغا يېتىدىكەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمنىڭ 120 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن!
سەردار3 ئاي ئىلگىرى
بەزىلەر نڭ ئنكاسغا تازا كۈلۈپتمەن
asanjan3 ئاي ئىلگىرى
تىمساق قوياپ بەگەن بولساڭلا تازلاپ قويادى ئۆلىكتىن تىرىككىچە
تەنتەك،شۈم3 ئاي ئىلگىرى
ھەي باللا،كانگى دەرياسى نەلەردىن ئاقىدىغاندۇ مەنچە
بولسا باش ئايقى ھايۋىنىستاندىن باشقا تۇپىراققا كىرمىسە
سۆزلەڭ دىسە ئغىزدا،پەلسەپۋى سۆزلىرى،ھەممىنى، قايىل،
قىلدۇ، ئەھۋالى،ئەنە
ئەمەتجان 0073 ئاي ئىلگىرى
تازلاپ بولالماي ئۆلۈپ قالامىكى بۇ تاشپاقلار
كۆزنەك3 ئاي ئىلگىرى
بەك مەينەت بۇ دەريا، ھە راس ھىندىستان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار دىققەت قىلىڭلار، مەھسۇلاتقا گانگ دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىشلىتىپ ئەقىللىق بولۇپ ئۆيۈڭلارنى تاپالماي قالماڭلار. دۆلىتىمىزنىڭ قۇرت ئوت، ئىپار، زەپە، توشقان زەدىكى، تاشقۇرغان ماكاسى، كەپتەر تۇخۇمى، زەنجىۋىل قاتارلىق ئۆسۈملۈكلىرىنى ئىشلەتسەڭلار ھەقىقىي ئۈنۈم بىرىدۇ،
11111111113 ئاي ئىلگىرى
كىچىك تاشپاقىنى قۇيپەگىچە چۇڭ مۇنداق لەھەڭ ئاكۇلا گۇشخۇر بىلىق دىگەندەكلەنى قۇيپەسە بۇلمامدۇ دەيمە
《قايتېپ كەل》404~9243 ئاي ئىلگىرى
منېچە بۇ گانگې دەرياسىنىڭ سۈيىنى تازىلاشقا بىرمەزگىل؛
كىتەمۇ!"چۈنكى بۇ دەريا نەچچە ۋاختىن بۇيان ئىغىر ؛؛
بۇلغانغان ئادەملەرنىڭ،سۆڭەكلىرى،ھەم ژۈندە شالاقلىرى،
يىڭى ئەزا3 ئاي ئىلگىرى
ئۇ تاشپاقىلارنى تۇتۇپ يەپ بولامىكىن .
توغراق،شاھى3 ئاي ئىلگىرى
تاش پاقىنىڭ چىرىندى ئەخلەت ئۇلۇك سۇڭەك يەيدىغانلىقىنى مانا ئەمدى ئاڭلاپ ئولتوروپتىمەن،راستىنلا تاشپاقا ئارقىلىق دەريانى تازىلىغىلى بولىدىغان ئىش بولسا بولۇپتۇ.
كەچۇر ۋيتىڭلار3 ئاي ئىلگىرى
قانداقمۇ قىلار بىچچارەتاشپاقىلار ئادەملەر ئۇزلىرى تازلىسا بولمامدۇ