باش بەت

زۆھەل

271يوللانما
19مەستانە

شاھ نۇسخىسىدىكى iPhone X يانفونى : 24K لىق ساپ ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 19:25 1 ئىنكاس چۈشتى

تىڭشۈن تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شەكسىزكى، iPhone X تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قىممەت باھالىق مودا ئېقىم يانفونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ باھاسى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدىغان بۇ يانفون يەنىلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى. بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Kantarنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلارنىڭ iPhone Xكە بولغان قىزغىنلىقى ئۇلارنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە iPhone X يانفونىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رايون دېيىشكە بولىدىكەن. ئەمما سىز 9688 يۈەنلىك باھانى iPhone X يانفونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھاسى دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا خاتالىشىپسىز.

ھەممەيلەنگە ئايانكى، نۆۋەتتە ئالما شىركىتى پەقەت iPhone X يانفونىنىڭ كۈمۈش رەڭلىك ۋە كۈلرەڭلىك نۇسخىسىنى بازارغا سالدى. ئىلگىرى بىر مەھەل جاھان سورىغان ئالتۇن رەڭلىك نۇسخىسى ۋە ئەتتىرگۈل رەڭلىك نۇسخىلىرىنى بازارغا سېلىپ باقمىدى. لېكىن ئۈچىنچى تەرەپ سېتىش دۇكانلىرىنىڭ قارىشىچە، ئالتۇن رەڭ بولمىسا iPhone X يانفونىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاخىرى iPhoneX يانفونىغا 24Kلىق ئالتۇن يالىتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان.

ئۇلار يېقىندا تورغا يوللىغان بىر ۋېدىئودا 24Kلىق ئالتۇن يالىتىلغان iPhone X يانفونىنى ئاشكارلىغان بولۇپ، 24Kلىق ئالتۇن يالىتىلغان كۈمۈش رەڭلىك iPhone X يانفونى قارىماققا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى كۆرۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى كىشىلەر توپى ئارىسىغا قويغاندا شەكسىزكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان. بۇمۇ ھەم نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ پۇلدىن ۋاز كېچىپ بۇ مۇلازىمەتنى تاللىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئۇلار تەمىنلىگەن مۇلازىمەت ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ناھايىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت ئۇلار يەنە ئىشلەتكىنىنىڭ 24Kلىق ئالتۇن بولماي قالسا پۇلنى تولۇقى بىلەن قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەن بولۇپ، خېلىلا «ۋىجدانلىق» سودىگەرلەر دېيىشكە بولىدۇ.

بىراق بۇ مۇلازىمەت نۆۋەتتە تېخى ئاسىيا رايونىدا يولغا قويۇلمىغان. بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Kantarنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەردىن گېرمانىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق ئىككىلا دۆلەت بار بولۇپ، جۇڭگونىڭ گېرمانىيەگە سېلىشتۇرغاندا تېخى %0.6 يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ، ئومۇمىي نىسبىتى %4.6كە يەتكەن. iPhone X يانفونىمۇ iPhoneنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى سېتىلىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ قارارى كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان. ئەگەر 24Kلىق ئالتۇن يالىتىش كەسپى راستىنلا جۇڭگوغا كەلسە بەلكىم يەنە بىر يېڭى قىزغىنلىقنىمۇ قوزغىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا نىسبەتەن نۇرداشلارنىڭ قارىشى قانداقكىن؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • سەزگۈ123153 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ،،ئامرىكىدا كىشلىلەر ئالمىغاچقا بىر نى ئالسا بىرنى سوۋغا قىلىدۇ ،،بۇيەردە بىز نىڭ بىرە تال تىڭشىغۇچمۇ سوۋغا قىلمايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号