باش بەت

zevmret

905يوللانما
36مەستانە

باشلانغۇچتا ئۈچ كۈنلا ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن 10 ياشلىق بالا مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 21:20 12 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۈرەتتىكى بۇ كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى سۇ ليۇيى. 2000-يىلى شەندوڭ تەيئەندە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تارتىپلا كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە. 5 يېشىدىلا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ باشلانغۇچ مەكتەپ بىلىملىرىنى ئىگەللەپ بولغانىدى، 7 ياش ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرگەن سۇ ليۇيى بىۋاسىتە 5-يىللىققا كىرىپ ئوقۇدى، نۇرغۇن مەكتەپلەر ئۇنىڭ يېشىنى كىچىك كۆرۈپ قوبۇل قىلمىغانىدى. ئاخىرى سەنلى باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇنى قوبۇل قىلىپ، سىناقتا ئوقۇپ بېقىشىغا قوشۇلدى، نەتىجىدە ئۈچ كۈنلا ئوقۇغان سۇ ليۇيىغا نىسبەتەن مەكتەپ مۇدىرى مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئىگەللىگەن بىلىملىرى ئاللىقاچان باشلانغۇچ سەۋىيەدىن ھالقىپ كېتىپتۇ، ئەڭ ياخشىسى بىۋاسىتە تولۇقسىزدا ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.»

سۇ ليۇيىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىلگىرىكى «بالىنى مەكتەپتىن ئالماي قالارمۇ؟» دېگەن ئەندىشىلىرى بىراقلا غايىپ بولۇپ، بىۋاسىتە ھالدا مەكتەپ مۇدىرىنى ئىزدەپ كەلدى. ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭدىن سىناق ئالماقچى بولۇپ، ئىختىيارى ھالدا 1دىن 100گىچە قوشقاندا قانچە بولىدىغانلىقىنى سورىۋېدى، سوئال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاغزىدىن تولۇق چىقىپ بولمايلا، سۇ ليۇيى «5050» دەپ جاۋاب بەردى ھەمدە ئۆزىنىڭ قانداق ھېسابلىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويدى. مۇدىر ئۇنىڭغا قەدىمكى نەزمىدىن بىرنى يادلاتقۇزىۋېدى، سۇ ليۇيى ئۇنىمۇ ناھايىتى تېزلا راۋان دىكلاماتسىيە قىلىپ بەردى، سۇ ليۇيىنىڭ قالتىس ئىپادىسى كۆپچىلىكنى قايىل قىلدى، ھەممە «تۇغما تالانت ئىگىسى» دەپ تەرىپلەشتى.

سۇ ليۇيى تولۇقسىز ئوتتۇرىغا كۆچكەندە، مەكتەپ ئۇنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىغا ئاساسەن مەخسۇس مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى تەسىس قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكە نەتىجىلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭدى. سۇ ليۇيىمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي بىر يىلدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بارلىق دەرسلىرىنى ئۆگىنىپ بولدى. 2008-يىلىدىن باشلاپ، 8 ياشقا كىرگەن سۇ ليۇيى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇدى.

8 ياشلىق سۇ ليۇيى ئويلىمىغان يەردىن ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ھەققىدە مۇنازىرىلىشەتتى، شۇنداقلا شەندوڭ ئولىمپىك زېھىن سىناش مۇساقىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كومپيۇتېرلىرىنى رېمونت قىلىشىپ، دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تۈزىشىپ بېرەتتى. دەرستىن سىرتقى چاغلىرىدا سۇ ليۇيى كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشنى ياقتۇراتتى، كومپيۇتېر ئويناشتا مۇتەخەسىسلەردىن قېلىشمايتتى، Windows ماتېرىياللىرى ئاساسىدا تۈركۈملەپ ماتېرىيال بىر تەرەپ قىلىش ۋە پىروگرامما يېزىشنى ئۆگەندى، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە C تىلى ۋە PHP قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق گىراماتىكىسىنى ئۆگىنىپ بولدى.

2010-يىلى، 10 ياشلىق سۇ ليۇيى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، شۇ يىللىق يېشى ئەڭ كىچىك ئىمتىھان بەرگۈچى سانالدى ۋە 566 نومۇر ئالدى، ھالبۇكى بۇ نومۇر شەندوڭ ئۆلكىلىك تەبىئىي پەنلەر نۇقتىلىق تۈركۈم مەكتەپلەرنىڭ نومۇر سىزىقىغا يەنە 14 نومۇر كەم ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇ ھېچقايسى ئالىي مەكتەپنى تاللىمىدى. جەنۇب پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىڭغا چاقىرىق ئەۋەتتى، مەكتەپ مۇدىرى جۇ چىڭشى شەخسەن ئۆزى ئۇنىڭدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىپ، سۇ ليۇيىنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرى سەۋىيەسىنىڭ تېخى كەمچىل ئىكەنلىكىنى، لېكىن ماتېماتىكا تالانتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، تەپەككۇرى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تەڭ ياشتىكى بالىلاردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

جەنۇب پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن تۇنجى كۈنى، سۇ ليۇيى ئەڭ ئاخىرقى رەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، باشقا ساۋاقداش ئاكا-ئاچىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا سۇ ليۇيى ئەلۋەتتە بىر ئاز كەپسىز ئىدى. مەيلى ئۇ دەرستە قانچىلىك ئويۇن قېپى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇ يەنىلا ئەستايىدىل دەرس ئاڭلايتتى. ساۋاقداشلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دەرسكە ناھايىتى ئاز قاتنىشاتتى، كۆپىنچە ھاللاردا دەرسلەرنى ياتاقتا ئولتۇرۇپ ئۆزىلا ئۆگىنىۋالاتتى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ ناھايىتى ئاز سىڭىشەتتى، لېكىن ھېچكىممۇ ئۇنى چەتكە قاقمايتتى.

مۇدىر مۇنداق دېدى: «شياۋيى ئىنتايىن ئالاھىدە بالا، ئىلگىرى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدىمۇ تۈزۈكرەك ئوقۇپ باقمىغان، ھەممىنى ئۆزى ئۆگىنىۋالغان. ئۇنىڭ تۇغما تالانتى بار، لېكىن تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتە سەل كۆنەلمەيۋاتىدۇ، بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدا ئىنتايىن پايدىسىز. شۇڭا مەكتەپتىن بىردەك قارار چىقىرىپ ئۇنى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈشنى، ئۆيىگە قايتىپ بىر مەزگىل ئۆزىنى تەڭشىۋېلىشىنى ئويلاشتۇق، ئەمەلىيەتتە بۇنى مەكتەپتىن تەۋسىيەلىك چېكىندۈرۈلدى دېسەك توغرا بولىدۇ.»

شۇنداق قىلىپ، ئىلگىرىكى «تۇغما تالانت ئىگىسى» مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلدى، كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چالىقۇشى3 ئاي ئىلگىرى

    نېمىگە ئادالەتسىزلىك بولىدۇ،ھەرقانچە ئەقىللىق بولۇپ بولۇپ كەتسىمۇ كىچىك بالا دىگەننىڭ يەنىلا بالىلارغا خاس تۇرمۇشى بولۇشى كېرەك.

  • E...M3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بالا ھازىر دىمەك 18 كە تولۇق كىرىپ بولدى دىگەن گەپ ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالى چۇ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەدە ئوقۋاتقانمىدۇ يە .........؟؟؟؟؟؟؟؟ قىزقىپ قالدىم ئۆزەمچە كاللىسى بەكلا ئىشلەيدىكەن

  • E...M3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ نىمىش ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى چۇ ئۆيدە بىكا ئولتىرامدا ئەمدى …؟ خۇددى كىنونىڭ سىنارىيەسىنى ئوقۇپ چىققاندەكلا ھىس قىلدىم …

  • دىل.سىرى3 ئاي ئىلگىرى

    كالىسىغا،ئىلىۋالامۇ،ۋاي،ئىسىت

  • قارا قۇرۇم باغرى3 ئاي ئىلگىرى

    مەنچە بولسا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قىلغىنى توغرا دەرىسلەرنى مۇكەممەل ئۇگىنىپ ئالىيى مەكتەپتە ئوقوسا تىخىمۇ ياخشى بۇ بالىغا

  • ياشلىقىنى ئەسلەپ3 ئاي ئىلگىرى

    مەنچە بۇ ھەرگىزمۇ مومكىن ئەمەس، ،،،،

  • ئالىم3 ئاي ئىلگىرى

    تالانت دىگەن ئەنە ئاشۇنداق بولسا ھە

  • قۇلاق3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە بۇبالا ئادالەتسىزلىك قىلىپتۇ مەكتەپ ،شۇنچە كىچىك تۇرۇپ ئالى مەكتەپ ئىھنتامىدىن ئۆتكەن ئۇقۇغۇچىغا ،مەكتەپتىن تېخىمۇ ياخشى شارائىت ۋە مۇئەللىم سەپلەپ بىرشى ،يىتەكچىلىك قىلىشى كىرەك ئىدى ،ئالى مەكتەپنىڭ ئۆزى جەمئىيەت …

  • شاكىلات قىز3 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي ئىسىت مەندىمۇ مۇشۇنىڭدا با ئەقىل بوسىچۇ، ئەجەپ ھەۋەس قىلۋاتىمەن دىسە،

  • توغراق،شاھى3 ئاي ئىلگىرى

    بەكمۇ ئەپسۇس بىزنىڭ مەھەللىدە بىر بالانى .ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدىن چېكىندۈرۈپتىكەن ئۆيدە بىر مەزگىل ئارام ئالسۇن روھىي كەيپىياتنى تەڭشىسون دەپ شۇندىن بىرى نېرۋىسىدىن چاتاق چىقتى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号