باش بەت

ئادىلجان

8590يوللانما
123مەستانە

كوكا كولا شىركىتى يېڭى تەملىك يېڭى ئورالمىلىق Diet Coke كولا چىقىرىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 19:33 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا كوكا كولا شىركىتى ئەڭ يېڭى ئورالمىلىق Diet Coke كولا چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ كولا تۆت خىل تەملىك بولۇپ، كوكا كولانىڭ شىمالىي ئامېرىكا رايونىدىكى باش ئەمەلدارى رافائېل (Rafael Acevedo)نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم قايتا ئاتلىنىش ئارقىلىق يېڭى ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە ھازىرقى بىر ئەۋلاد ياشلار تەۋەككۈلچىلىك ۋە ئىزدىنىش روھىغا باي بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئىكەن، شۇڭا كوكا كولا ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدىكەن. 

بۇ قېتىم چىقىرىلغان كولا ئايرىم-ئايرىم لىمون تەملىك، گىلاس تەملىك، ئاپىلسىن تەملىك ۋە ماڭگو تەملىك. بۇ كولا ئەنئەنىۋى جيەنيى كولا ئاساسىدا ئەڭ يېڭى ئورالمىغا قاچىلىنىپ يېڭىدىن چىقىرىلغان. بۇ ھەپتە ئالدى بىلەن ئامېرىكا بازىرىغا كىرىدۇ، 2-ئايدا كانادا بازىرىغا كىرىدۇ. ئەمما ئەسلى ئورالمىلىق Diet Coke كولامۇ داۋاملىق سېتىلىدۇ. 

كوكا كولادا ئېلان قىلىنغان ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئۈچىنچى پەسىلدە Diet Coke كولانىڭ سېتىلىش مىقدارى نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن. «Business Insider»نىڭ بۇلتۇرقى خەۋىرىدە Coke Zero كولا Diet Coke كولانىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. 2017-يىلى 2-پەسىلدىكى مالىيە دوكلاتىدىمۇ ئامېرىكىدىكى كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۇدا 12 يىل تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شۇڭا كوكا كولامۇ ئامال قىلىپ بازاردىن يېڭى يول ئىزدىمەكتە، بولۇپمۇ سېتىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن Diet Coke كولانى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنماقتا. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号