بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
گەرچە كېپىنەكنىڭ ھاياتى پەقەت 2 ھەپتىدىن 5 ئايغىچىلا بولسىمۇ، لېكىن، ھەرقانداق ھاياتلىق قەدىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ. Romy McCloskey ئىسىملىك بىر قىز قانىتى قايرىلغان بىر مېيىپ كېپىنەكنى بايقاپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېپىنەكنىڭ قايتا ئۇچۇش ئارزۇسىغا يېتىشىگە ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى.
ئوپېراتسىيە جابدۇقلىرى: لۆڭگە، پولات سىملىق كىيىم ئاسقۇچ، چىش كولىغۇچ، پىلتكۈچ، قايچا، موچىن، تالك پاراشوكى، كېپىنەك قانىتى.
كىيىم ئاسقۇچ ئارقىلىق كېپىنەك مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قىز ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كېپىنەكنىڭ قانىتىدا سېزىم يوق بولۇپ، ئىنسانلاردا چاچ كېسىش ۋە تىرناق ياساش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ھېچقانداق ئاغرىق ھېس قىلمايتتى.
شۇنداق قىلىپ شاكىچىككە يېڭى قانات كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى تامام بولدى.
گەرچە گۈل نۇسخىلىرى ئانچە ماس كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قايتا ئۇچۇشقا تامامەن ياردىمى بولاتتى.
قىز كېپىنەكنى بىر كۈن ئارام ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئۆزى ياسىغان گۈل شىرنىسىدە ئوزۇقلاندۇردى.
سەللىمازا بولغان كېپىنەك ھويلىدا بىر پەس ئايلانغاندىن كېيىن، شاخقا قونۇپ بىردەم دېمىنى ئالدى-دە، ئۇچۇپ كەتتى!
«خەير-خوش، كىچىك دوستۇم! سىزگە ئامەت تىلەيمەن»
ئارمان سەن3 ئاي ئىلگىرى
ياخشى نىيەتلىك قىز ،قولىڭىز بەك ئەپلىك ئىكەن،سىزگە بەخىت تىلەيمەن