باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

تېسلا Model S ئاپتوموبىلىنىڭ بالىلار نۇسخىسىنى چىقاردى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 19:44 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېسلا يېڭىدىن ئېلان قىلغان 2017-يىلى 4-پەسىلدىكى سېتىش مىقدارى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تېسلا 2017-يىلى 103 مىڭ دانە ئاپتوموبىلنى خېرىدارنىڭ قولىغا تاپشۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە Model Sنىڭ تۆتىنچى پەسىلدىكى سېتىش مىقدارى 15 مىڭ 200گە يەتكەن. ئەمما سىز بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىسى ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىك خېرىدارنىڭ قانچە ياش ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ يېقىندا تېسلا بۇ سوئالغا جاۋاب بەردى: ئۈچ ياش.

ئەمەلىيەتتە تېسلا Model S ئاپتوموبىلى ئىچىدە بىر ئالاھىدە ياسالغان ئاپتوموبىل بار، ئۇ بولسىمۇ Model S For Kids. بۇ تېسلا Radio Flyer ئويۇنچۇق زاۋۇتى بىلەن بىرلىشىپ ياساپ چىققان بالىلار توكلۇق ئاپتوموبىلى. بۇ بالىلار توكلۇق ئاپتوموبىلى ئەسلى ئاپتوموبىلغا بەكلا ئوخشايدىغان بولۇپ، ساپ توكلۇق ھەرىكەت كۈچى ئىشلىتىلگەن، سىزىقلىرى راۋان، ئۇنى بىر MINI نۇسخىدىكى Model S دەپ قاراشقا بولىدۇ.

تېسلانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاپتوموبىلغا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ پەقەت ئىككى خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ سەپلەنگەن؛ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى ئاران  10km/h، ئائىلە باشلىقى بۇ ماشىنىنىڭ مەركىزىي كونترول سۇپىسى ئەتراپىدىن ئالماشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى تېپىپ، 5km/hلىك بىخەتەر سۈرئەتكە ئالماشتۇرالايدۇ، بۇ سۈرئەت نورمال قورامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ قەدەم سۈرئىتى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ. 

تېسلانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بالىلار توكلۇق ئاپتوموبىلىغا مەخسۇس توك قاچىلىغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، پەقەت ئۈچ سائەتتە توك قاچىلىنىپ بولىدىكەن، بۇ ئادەتتىكى بالىلار ئاپتوموبىلىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر، ئۇنىڭدىن باشقا باتارېيەنى بىۋاستە ئالماشتۇرۇشقا بولىدىكەن. 

تېسلانىڭ ئاشكارىلىشىچە، بالىلار نۇسخىدىكى Model Sتا پەقەت بىرلا ئورۇندۇق بار بولۇپ، 3-8 ياشلىق بالىلارغا ماس كېلىدىكەن، ئەڭ چوڭ يۈك كۆتۈرۈش مىقدارى 37kg كىلوگىرام ئىكەن. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى قاپقىقى ئاستىدىمۇ بىر يوغان نەرسە قويۇش ساندۇقى بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياڭراتقۇ سىستېمىسىمۇ ئورنىتىلغان بولۇپ، AUX ئېغىزىغا يانفوننى چاتقاندىن كېيىن ناخشا ئاڭلاشقا بولىدۇ. 

تېسلانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ ئاي ئاخىرىغىچە تەۋسىيەلەش مۇكاپاتى پىلانى ئارقىلىق بۇ تېسلا بالىلار ئاپتوموبىلىغا ئېشىكىلى بولىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号