باش بەت

ئىدىقۇت887

7403يوللانما
16مەستانە

رۇمىنىيەلىك 16 ياشلىق قىز چېچىدا ئىككى توننا ئېغىرلىقتىكى ماشىنىنى سۆرىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 20:20 4 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيا شۇنچە چوڭ بولغاچقا، ھەرخىل غەلىتە ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. «بۈگۈنكى رۇسىيە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا رۇمىنىيەدە 16 ياشلىق قىز پالۋان مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ چېچى ئارقىلىق ئېغىرلىقى 2 توننا كېلىدىغان ماشىنىنى سۆرەپ ماڭدۇرغان. بۇ قىزچاقنىڭ چېچىدا ماشىنا سۆرىگەن كۆرۈنۈشىمۇ توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ داڭق چىقارغان.

https://v.qq.com/x/page/s05328tucxg.html

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قىزچاقنىڭ ئىسمى كارىن سارگىسيان (Karine Sargsyan) بولۇپ، رۇمىنىيەنىڭ  قىز تەنھەرىكەتچىسى ئىكەن. سىن كۆرۈنۈشىدە، كارىن ئىسىملىك بۇ قىز ئالاھىدە ياسالغان پولات ھالقىنى چېچىنىڭ ئۇچىغا مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇزۇن بىر تال ئارغامچىنى پولات ھالقىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە چىگىپ مۇقىملاشتۇرغان ھەم ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى ماشىنىغا چىگىپ مۇقىملاشتۇرغان. كارىن ئىسىملىك قىزچاق نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا ماشىنىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئېغىرلىقى ئىككى توننا كېلىدىغان بۇ ماشىنىنى ناھايىتى تېزلا ئورنىدىن قوزغىتىپ ئاستا-ئاستا ماڭدۇرۇشقا باشلىغان.

بۇ سىن كۆرۈنۈشى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى رۇمىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئېرېۋاندا تارتىلغان بولۇپ، لېكىن سىن كۆرۈنۈشى يېقىندا ئاندىن تورغا چىقىرىلىپ ھەمبەھىرلەنگەن.

سىز بۇ قىزنى ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن «سېرىق تۈك» دەپ ئويلاپ قالماڭ، بۇ قىزچاق بوكس قاتارلىق مۇشتلىشىش تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى نىشانىنى قىلچە يوشۇرماي ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن پۈتۈن دۇنياغا ئۆزۈمنى تونۇتىمەن، مەن چوقۇم دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىمەن!».

باش سۈرەت تاللاش x
  • BARDAX3 ئاي ئىلگىرى

    يۇقۇردىن تۆۋەنگە سۆرەپتىغۇ ئارقانمۇ لەيلەپ قاپتۇ. ئازراق كۈچ كەلسە ئارقان تارتىشمامدۇ. بولار كۆرۈرمەنلەرنى بەك دۆت چاغلامدۇ نىمە

  • vvv? ? ? ? @ @ @3 ئاي ئىلگىرى

    نمداق يامان قىز بۇ

  • ھەسرەت3 ئاي ئىلگىرى

    جىدا ماشىنا ئىككى تۇننا كەممەيدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكشى يولدا توختۇتۇپ ئاندىن سۆرەپتۇ،ماشىننىڭ تىنىچ ھالىتىمۇ ئىنتايىن يەڭگىل يۇمشاق تۇردۇ،ئازراق قوزغىۋالسا سۆرەپ يىراقلارغا ئەكىتىشى ئىنىقلا،مەن ھەيران قالمىدىم

  • كەچۇر ۋيتىڭلار3 ئاي ئىلگىرى

    قالتىسكەن قانداقمۇ سۇرىگەندۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号