باش بەت

نۇسرەتگۈل

8989يوللانما
149مەستانە

ياپونىيەدە جىددىي ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلىدىغان زاپاس يېمەكلىك ئىسراپ بولۇشقا باشلىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 20:13 1 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ئاساخى ئاخباراتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە يەرلىك ھۆكۈمىتى تەييارلىغان جىددىي ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن. «ياپونىيە 311 قاتتىق يەر تەۋرىشى» ھەمدە كۇماموتو يەر تەۋرىشى تەسىرىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى قايتا باھالىدى، 47 ۋىلايەت ۋە ناھىيەدە ئالتە يىلدىن بۇيان ساقلانغان زاپاس يېمەكلىكنىڭ بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشقانلىقى ئېنىقلاندى، ساقلاش مۇددىتى قىسقا يېمەكلىكلەرنى ئالماشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ كۆپ قىسىمىنى تاشلىۋېتىشكە توغرا كەلدى.

«ئاساخى ئاخباراتى» 47 ۋىلايەت، ناھىيە ھەمدە پەرمان بويىچە بېكىتىلگەن 20 شەھەردىكى «ياپونىيە 311 يەر تەۋرىشى»دىن كېيىنكى، يەنى 2011-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جىددىي ئەھۋاللاردا تارقىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان سۇسىزلانغان گۈرۈچ، بولكا ۋە پىرەنىك قاتارلىق زاپاس يېمەكلىكنى تەكشۈردى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق خوككايدو، ئائومورى ناھىيەسى، مىياگى ناھىيەھى قاتارلىق يەتتە ناھىيە ۋە مەمۇرىي رايوننىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەسىس قىلىشنى بۇيرۇپ ئۆزلىرى زاپاس يېمەكلىك تەييارلىمىغانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا 40 نەچچە ۋىلايەت ۋە ناھىيە 2011-يىلى تەييارلىغان زاپاس يېمەكلىك 678.6 كىشىلىككە يەتكەنلىكى، 2017-يىلى 30 ۋىلايەت ۋە ھۆكۈمەت زاپاس يېمەكلىك مىقدارىنى كۆپەيتكەنلىكى، نەتىجىدە زاپاس يېمەكلىكنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 12 مىليون 497 مىڭ كىشىلىكە يەتكەنلىكى ئېنىقلاندى.

مەمۇرىي بۇيرۇق بويىچە بېكىتىلگەن 20 شەھەر تەييارلىغان زاپاس ئاشلىقمۇ 2011-يىلىدىكى يەتتە مىليون 664 مىڭ كىشىلىكتىن 2017-يىلىدىكى 12 مىليون 210 مىڭ كىشىلىككە يەتتى.

2011-يىلى توكيودا زاپاس ساقلانغان يېمەكلىك بىر مىليون 860 مىڭ كىشىلىككە يەتكەنىدى. «ياپونىيە 311 يەر تەۋرىشى»دىن كېيىن، يەنى 2012-يىلى قاتناش راۋان بولماسلىق ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئەسلى پىلاندىكى ئىككى كۈن يەتكۈدەك يېمەكلىك تەييارلاش پىلانى ئۈچ كۈنگە ئۆزگەرتىلدى. 2018-يىلى بىر قىسىم شەھەر، رايون، كەنت-بازارلاردا زاپاس ساقلانغان يېمەكلىك مىقدارى 3.6 ھەسسىگە كۆپەيتىلىپ ئالتە مىليون 660 مىڭ كىشىلىككە يەتكۈزۈش پىلانلانماقتا.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تىرشچان1 ھەپتە ئىلگىرى

    يەنىلا بىزىسراپخورەمەسكەنمىز،،،،،،،،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号