باش بەت

خەندان

1486يوللانما
101مەستانە

ھازىرقى زامان نۇسخىسىدىكى «ھىجران» فىلىمى قايتا سۈرەتكە ئېلىندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 20:12 13 ئىنكاس چۈشتى

20180112195038303.jpg

بوللىۋود خەۋەرلىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

داڭلىق يازغۇچى Sarat Chandra Chattopadhyay نىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى بوللىۋود فىلىملىرىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولغان، ئۇنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن «ھىجران»، «پارىنىتا» (Parineeta) ۋە «Swami» قاتارلىقلار بىردەك كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن. بىراق «ھىجران» (Devdas) ساراتنىڭ ئەڭ كۆپ كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.

گەرچە بۇ فىلىمنىڭ نۇرغۇن ئېكرانلاردا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن نۇسخىسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى بىمال روي رېژىسسورلۇق قىلغان 1955-يىلىدىكى نۇسخىسى، سانجاي لىلا بانسالى رېژىسسورلۇق قىلغان 2002-يىلىدىكى نۇسخىسى، ئانۇراگ كاشياپ رېژىسسورلۇق قىلغان 2009-يىلىدىكى نۇسخىلىرى. يېقىنقى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، «ھىجران» (Devdas) فىلىمى قايتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، يېڭى نۇسخىدىكى «ھىجران» غا سۇدىر مىشرا (Sudhir Mishra) رېژىسسورلۇق قىلغان، پارو رولىنى رىچا چادا(Richa Chadha) ئالغان، چاندىرامۇكى رولىنى ئادىتى راۋ ھەيدەرى (Aditi Rao Hydari) ئالغان، دېۋداس رولىنى راھۇل بات (Rahul Bhat) ئالغان.

كىنو ئوبزورچىسى قوشۇمچە كىنو كەسپى تەھلىلچىسى (Taran Adarsh) تاران ئادارىش 12-ئاينىڭ 28-كۈنى تىۋىتتېردا بۇ يېڭى فىلىمنىڭ ئىسمى، ئارتىسلار تىزىملىكى ۋە قويۇلۇش ۋاقتىنى ئاشكارىلىدى ھەمدە فىلىمدىكى ئاساسلىق ئۈچ پېرسوناژنىڭ مەيدان كۆرۈنۈشىدىن تارتىلغان سۈرەتنى توردا ھەمبەھىرلىدى.

يېڭى «ھىجران»(Daasdev) فىلىمى «Dev D» فىلىمىگە بەكراق ئوخشايدىغان بولۇپ، سارات رومانىدا تەسۋىرلىگەن ۋەقەلىك ئاساسىدا ھازىرقى زامان ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ. بۇ فىلىم سىياسىنى ئاساسىي تېما قىلغان ۋەقەلىك تۈرىدىكى فىلىم بولۇپ، 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئايپەرى5553 ئاي ئىلگىرى

    شاھرۇھخان،ئاشۋارىيا،مەدۇرى ئىشلىگىنى ئەڭ قالتىس،بۇ ئارتىسلار ھەرگىزمۇ ئۇ گىگانىت چولپانلارنى يېڭەلمەيدۇ.پۇلنى ئىسراپ قىلىپ ئوبزورچىلارنىڭ باش تېمىسى بۇلۇپ سېسىق نام چىقىرىشتىن باشقا ئىش يوقدە.ئىسىت

  • تەسنىم3 ئاي ئىلگىرى

    شۇنى دەيمە تاينى يوق ئىشنى قىلدىكەن بۇ خەق،پۇلنى بۇزۇپ،ئارتىسلىرمۇ ئۇنچە گۈزەل ئەمەسكەن

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى3 ئاي ئىلگىرى

    تەسىرلىنىپ كەتتىم ئىنكاسلاردىن

  • شىكرىم3 ئاي ئىلگىرى

    ئىشەنگە بىر بېلەت كەتتى

  • تاتلىق ھايات3 ئاي ئىلگىرى

    فىروزەگە بىر بېلەت كەتتى

  • ئىشەن 男 1328.0........05573 ئاي ئىلگىرى

    نىم قىلاتى شۇنداق ياخشى فىلىمنى بۇزۇپ ، شاھرۇھخان ئاشۋارىيا مەدۇرى دېكشىت رول ئالغىنى ئەڭ نوچى فىلىمدىكى ئىككى ئايال باش پىرسۇناژنىڭ گۈزەلىكىگە شاھرۇھخاننىڭ رومانتىكىلىقى قۇشۇلۇپ شۇنداق ياخشى چىققان ، مەيلى كىيىم كىچەك بولسۇن ، دېكراتسىيەلە بولسۇن ياكى ناخشا ئۇسۇللىرى بولسۇن بەك ياخشى ئىدى ، قايتا ئشلەپ بۇزىدىغان بولدى

  • 我的宝莱坞梦想3 ئاي ئىلگىرى

    ئىشلەۋېرەمدىغاندۇ بىر كىنۇنى …… مىنىڭچە شاھرۇھنىڭكىدەك ياخشى چىقمايدۇ……

  • ئايپەرى3 ئاي ئىلگىرى

    شاھرۇھخان بىلەن ئاشۋارىيا رول ئالغىنغا يەتمەيدۇ.

  • timtac3 ئاي ئىلگىرى

    پۇلنىڭ كۆزگە ياغاش تىقىپ نىمىشمۇ قىلا بولغىتتى قايتا ئىشلەپ،

  • فىروزە3 ئاي ئىلگىرى

    بەرىبىر شاھرۇلخان ،ئاشۋارىيا،مەدھۇرى نۇسخىسىدىكىدىن ئېشىپ كىتەلمەيدۇ،شاھرۇلخان ياراتقان دىۋىداس ئەڭ قالتىس

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号