باش بەت

ئادىلجان

8600يوللانما
123مەستانە

خوندا سىۋىكنىڭ TYPE R ئالاھىدە نۇسخىلىق ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 21:19 4 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خوندا 2018-يىللىق توكيو ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە MUGEN RC20GT CIVIC TYPE R Concept ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى كۆرگەزمە قىلدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ ئاپتوموبىلنى خوندانىڭ ياللانما ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى Mugen ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىلدا TYPE Rنىڭ ھاۋا دىنامىكىلىق لايىھەسى كۈچەيتىلگەن ھەمدە ماتورنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىسى ياخشىلىنىپ، تېخىمۇ چىدامچان قىلىنغان. 

CIVIC TYPE R ئاپتوموبىلى CIVIC ماركىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تىپى بولۇپ، ئىزچىل تۈردە دۇنيادىكى ئىككى كوزۇپلۇق ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلگەن، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان MUGEN RC20GT CIVIC TYPE R Concept ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىلى سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىگە يېڭى بىر ئەۋلاد CIVIC TYPE R تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىلىنىڭ تاشقى قىياپەت لايىھەسى ئىشلىتىلگەن، سىزىقلىرى راۋان سەككىز تەرەپلىك سالاسۇن سەپلەنگەن، ئالدى ئورالمىسىمۇ تېخىمۇ ئۆزگىچە شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن، تار ۋە ئۇزۇن كەلگەن ئالدى چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسىنىڭ كۆپۈپ چىققان ئالدى ئېغىزى ۋە يان تەرىپى ئاپتوموبىلنى ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە قىلغان. 

بۇ ئاپتوموبىلنىڭ يان تەرىپىگە قىزىل، سېرىق ۋە قارا رەڭ ئارىسىدىكى ئۆزگىچە رەڭ ئىشلىتىلگەن، كۆپۈپ چىققان بەل سىزىقلىرى ۋە خاسلىققا ئىگە سپورت تىپىدىكى چاق ئىشلىتىلگەن. قۇيرۇق قىسمىدا بۇ ئاپتوموبىلغا چوڭ رازمېرلىق قارا رەڭلىك ھاۋا ئېقىمىنى ئۈزۈش تاختىسى ۋە ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى ئىشلىتىلگەن. 

ئىگىلىنىشچە، بۇ ئاپتوموبىلغا  TYPE Rنىڭ ھاۋا دىنامىكىلىق لايىھەسى كۈچەيتىلگەن ھەمدە ماتورنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىسى ياخشىلىنىپ، چىدامچانلىقى ئاشۇرۇلغان. نۆۋەتتە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى سىستېمىسى تېخى ئېلان قىلىنمىدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • غەمكىن3 ئاي ئىلگىرى

    بۇرۇنلا يىڭى نۇسخىدىكى خوندا سىۋىكنى بەكلا ياختۇراتتىم
    ھازىر بۇ ماشىنىنى كۆرۈپ ئىشتىياقىم تېخىمۇ ئاشتى ھەي ، بەكلا ئىچىم كۆيىدۇ جۇمۇ. لېكىن سېتىۋالاي دېسەم پۇلۇم يوق.

  • شەھرىيا3 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ ماشىنلار بىر شىنجاڭ بازىرىغا كىرسە ھەيدەپ باقساق سۇرئىتىنىڭ تىزلىكى ئادەمنى جەلىپ قىلدىكەن

  • ئاشىق3 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن بىز ياشلارنىڭلا ماشىنىسىدە كاساپەت

  • 155******873 ئاي ئىلگىرى

    نىمىدىگەن پەيزى ھە ! يامان سەت چىرايلىقكەن دىسە، بەك ئىسىل لايىھەلەپتۇ، ياشاپ كەت خوندا!!!!!

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号