باش بەت

نۇسرەتگۈل

8989يوللانما
149مەستانە

بىر ئەر «قىز توردىشى»غا 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن قويۇلۇپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 21:32 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر ئەر ئۈندىداردا بىر قىز توردىشى بىلەن بىر ئاي قىزغىن پاراڭلىشىپ 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلى ئالدىنىپ بولغاندا قارشى تەرەپ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەر ساقچىغا مەلۇم قىلدى. يېقىندا، گۇاڭمىڭ ج خ ئىدارىسى تورداش دوستلىشىپ ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىدىن بىرنى پاش قىلىپ بىر ئەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى. ئۇ دوستلىشىش تور بېكىتىگە تىزىملاتقاندىن كېيىن بىر ئايالنىڭ سۈرىتىنى باش سۈرەت قىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئالداپ كەتكەنىدى.

1-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 20لەردە گۇاڭمىڭ ساقچىخانىسىدىكىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ ئەپەندىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋېلىپ «لى جياجۇ» ئىسىملىك ئايالنىڭ ئۈندىداردا ئۇنىڭ 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلىنى ئالداپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. گۇاڭمىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاڭ ئەپەندى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى بويىچە گۇاڭمىڭ ج خ تارماق ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتى، ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىش مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىش، رازۋېدكا قىلىش ھەمدە تۈرگە ئايرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارىلىق جىنايەت گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ تۇرار جايىنى ئوڭۇشلۇق بېكىتتى ھەمدە 1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5لەردە ئۇنى ئوڭۇشلۇق قولغا چۈشۈردى.

ساقچىلار سوراق قىلغاندا جىنايەت گۇماندارى ۋۇ xx جىنايىتىنى بوينىغا ئالغىلى ئۇنىمىدى. ئاخىرىدا، ساقچىلار قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىسپاتلارنى كۆرسەتكەندە قارشىلىق قىلالماي پۈتۈن جىنايەت پاكىتلىرىنى تاپشۇردى. ۋۇ xx: «توردىن ئايال قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە دېلولارنى كۆرۈپ ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن ھەرخىل ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىش ھەمدە ئۇچرىشىشقا چىقىش، دوستلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تورداشلىرىمنى ئالدىدىم. ئۆز نامىم بىلەن بېجىرمىگەن كىملىك نومۇرى ئارقىلىق ھېسابات نومۇرى ئېچىپ چىرايلىق قىزلارنىڭ سۈرىتىنى خالىغانچە چۈشۈرۈپ باش سۈرەت قىلغاندىن كېيىن دوستلىشىش ئۇچۇرى چىقىرىپ باشقىلارنى ئازدۇردۇم. ۋاڭ ئەپەندى بىلەن قىزغىن پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچى ئارقىلىق تۇغۇلغان كۈن، مال سېتىۋېلىش، ئاغرىپ قېلىش، قەرز ئېلىش قاتارلىق ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلىنى ئالدىدىم. ۋاڭ ئەپەندى گۇمانلىنىپ قالغاندىن كېيىن ئۇنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىپ <يوقاپ كەتتىم>» دېدى.

ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋۇ xxنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ پەقەت ۋاڭ ئەپەندىلا ئەمەسلىكىنى بايقىدى. نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارى ۋۇ xx جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، دېلو داۋاملىق رازۋېدكا قىلىنىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئوتالدۇراخون1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ ئادەم پۇلنى بەك ئاسان تاپىدىغان ئوخشايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号